• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    دېلىگتنىڭ سودىسىدا بارسېلونانىڭ مەبلىغى يېتىشمەسلىك ۋە ۋاستىچى بىر مەسىلە

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:24 01-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونا ھەقىقەتەن دېلىگتنى سېتىۋېلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بىراق بارسېلونانىڭ ئىقتىسادى ۋە دېلىگىتنىڭ ۋاستىچىسى بۇ سودىدىكى بىر چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان.

    پىك 32 ياشقا كىرەي دەپ قالغاچقا بارسېلونا ئۇنىڭ ئىزباسارى ئۈچۈن توپچى سېتىۋالمىسا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار دېلىگتنى سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان بولۇپ، بىراق ئۇنىڭ باھاسى 60 مىليون ياۋرو بولغاچقا، بارسېلونانىڭ ئىقتىسادى بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان.

    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دېلىگتنىڭ ۋاستىچىسى رايئولامۇ بىر مەسىلە. رايئولا دېلىگتنىڭ بارسېلوناغا يۆتكىلىشىدىن بۇرۇن باشقا كۇلۇبلارغا يۆتكىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. چۈنكى ئۇ ھەر قېتىملىق يۆتكىلىش سودىسىدا ۋاستىچىلىك ھەققىگە ئېرىشەلەيدۇ.

    ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، دېلىگتنىڭ سودىسى بارسېلونا ئۈچۈن ئاسانغا توختىمايدۇ. يەنە كېلىپ، بارسېلونا ئوتتۇرا بېكلا ئەمەس يەنە سۇئارېز ۋە ئالبانىڭ زاپاسى ئۈچۈن ھۇجۇمچى ۋە سول بېك سېتىۋېلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بارسېلونا دېلىگتنى سېتىۋېلىش سودىسىدا پارىژ سانت گېرمان، مانچېستېر شەھىرى، يۇۋېنتۇس ۋە بايرېن مىيۇنخىن قاتارلىق كوماندىلارنىڭ رىقابىتىگە دۇچ كېلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى