• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    رېنباۋ شىركىتى ئالمىغا ۋاكالىتەن Apple Watch S4 نى ئىشلەپچىقىرىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:21 01-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ياپونىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك ئىقتىساد خەۋەرلىرى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش شىركىتى رېنباۋ ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىلا جۇڭگونىڭ چۇڭچىڭ زاۋۇت رايونىدىكى تارماق زاۋۇتىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. نۆۋەتتە بۇ شىركەت پۈتۈن كۈچى بىلەن تاقىما ئۈسكۈنىلەر زاكاز تالونىغا ئېرىشىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ. خەۋەردە دېيىلىشىچە، رېنباۋ شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلقى PC ئۈسكۈنىلىرىنى چىقىرىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشقان، بۇلاردىن باشقا ئۇلار ئېرىشكەن ئالما شىركىتىنىڭ Apple Watch زاكاز تالونىمۇ شىركەتكە زور تۆھپە قوشقان. بۇ يىلقى تاقىما ئۈسكۈنىلەر زاكاز تالونى توغرىسىدا رېنباۋ شىركىتى پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان، ئەمما بۇ يىل كەسىپلەرنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بۇ يىلPC كەسپىنىڭ كىرىم نىسبىتىنى ئۆتكەن يىلقى %33 تىن %40 كە يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

    رېنباۋ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ دېيىشىچە، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆتكەن يىلى چۇڭچىڭدىكى زاۋۇت رايونىنى كېڭەيتكەن، شۇ يىلى 6-ئايدا يەنە يېڭى بىر زاۋۇت قۇرۇشنى پىلانلىغان. مۆلچەرلىنىشچە، بۇ يېڭى زاۋۇت 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. چۇڭچىڭدىكى يېڭى زاۋۇت ئاساسلىقى PC ئۈسكۈنىلىرىدىن باشقا تاقىما ئۈسكۈنىلەرنىڭ زاكاز تالونىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، Apple Watch Series 4 ئەقلىي سائەت ئىشلەپ چىقىرىشنى ئاساس قىلىدىكەن.

    Apple Watch ئەقلىي قول سائىتى ئالما شىركىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئۇدا ئۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاز ساندىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى. ئالما شىركىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى 1-مالىيە پەسىللىك دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا تاقىما ئۈسكۈنىلەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە زاپچاس تۈرىدىكىلەرنىڭ تىجارەت كىرىمى يەتتە مىليارد 300 مىليون دوللارغا يېتىپ، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %33 كە يەتكەن، تىجارەت كىرىم سەۋىيىسى iPad نىڭ ئالتە مىليارد 700 مىليون دوللارلىق سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەن. گەرچە بۇ تۈردىكى تىجارەت كىرىمى Apple Watch ،HomePod ۋە AirPods قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارىشىچە، بۇ تۈرنىڭ تىجارەت كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى يېڭى بىر ئەۋلاد Apple Watch ئەقلىي قول سائىتىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاشقانلىقىدىن بولغان ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى