• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچىدە قاتناش تەرتىپىنى تۈزەشكە ئائىت ئالتە تۈرلۈك مەخسۇس ھەرىكەت مەركەزلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:15 01-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يۈنمېي): مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە: چاغان ھارپىسىدا بۇ ئەترەت قاتناش تەرتىپىنى تۈزەشكە ئائىت ئالتە تۈرلۈك مەخسۇس ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇپ، 2019-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدىكەن.

      بۇ ئالتە تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى: چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى چۆرىدەپ يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش؛ پوجاڭزا، ساليوت، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار قاچىلانغان نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى تۈزەپ تەرتىپكە سېلىش؛ مال سېتىۋېلىش مەركىزى، قەبرىستانلىق، بەخت تىلەش سورۇنلىرى، كۆڭۈل ئېچىش ئورۇنلىرى قاتارلىق ئادەم ۋە ئاپتوموبىللار زىچ رايونلارنىڭ قاتناش تەرتىپىنى باشقۇرۇش؛ ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەخسۇس تۈزەش؛ يېزا قاتناش تەرتىپىنى تۈزەشنى كۈچەيتىش؛ «قارا ئاپتوموبىل»، «يول زومىگەرلىكى» قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ھەر قايسى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى ئوقۇغۇچىلارنى تەتىلگە قويۇپ بېرىش، ئىشلەمچىلەر يۇرتىغا قايتىش، بايرامدىن كېيىن ئۆيىگە قايتىش، تۇغقان يوقلاش سەپىرى قاتارلىق قاتناش-تىرانسپورت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تۆمۈر يول ئۈرۈمچى ۋوگزالى، ئاپتوموبىل بېكىتى، ئايرودۇرۇم قاتارلىق قاتناش تۈگۈنلىرى ئەتراپىدىكى يوللارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يولدا قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە ئاپتوموبىللارنى تارقاقلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن، موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى قانۇنغا خىلاپ توختىتىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، قاتناش تۈگۈنلىرى ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ قاتناش تەرتىپىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن، يەنە تەۋەلىكتىكى قاتناش ئىدارسى بىلەن ئالاقە قىلىپ، قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلار يۈز بېرىش ئېھتىماللىق بولغان نۇقتىلىق ۋاقت بۆلىكى ۋە نۇقتىلىق يوللاردا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم ئېلىش، بېخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىق، زىيادە چارچىغاندا ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

      ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى خۇ بىڭلى مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرى، تۈەن مەيدانلار، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىقلارنىڭ ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ يولۇچىلار ئېقىمى، ئاپتوموبىل ئېقىمى كۆپ بولۇش ئەھۋالىغا قارىتا، بىز قاتناش تەرتىپىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق رايونلىرى، تۈەن مەيدانلارغىچە كېڭەيتىپ، يېزا يوللىرىنىڭ قاتناش راۋان، بىخەتەر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

      بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ناچار ھاۋا كىلماتىدا يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ. قار-مۇز، تۇمانلىق ھارايى كۆرۈلگەندە، بىخەتەر يول يۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، قاتناش سۈرىتىگە چەك قويۇش، يوللارنى ۋاقتلىق ئېچىش، ئاپتوموبىل تۈرىگە ئاساسەن يول يۈرۈش، ساقچى ئاپتوموبىللىرى يول باشلاپ مېڭىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق قاتناش غول لىنىيەلىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا ئەڭ يۇقىرى چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، يوللارنىڭ تاقىلىپ قېلىشىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى