• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    LG G8 ThinQنىڭ باتارېيەسى G7 گە قارىغاندا چوڭ بولىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:11 01-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۇرۇنقى ئۇچۇرلاردا: «LG بۇ يىللىق MWCدا يېڭى يانفون ئېلان قىلىدۇ» دېيىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە G8 ThinQ ۋە V50 ThinQ بار. V50 ThinQ بەلكىم LGنىڭ تۇنجى 5G يانفونى بولۇشى مۇمكىن.

    Lets Go Digitalنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، LG بىرازىلىيە دۆلەتلىك تېلېگراف باشقۇرۇش ئىدارىسى Anatelگە تاپشۇرغان باتارىيە تەكشۈرۈش بېكىتىش ماتىرىيالىدا سىغىمچانلىقى 3400mAh بولغان BL-T41 تىپلىق لىتىي باتارىيە ئاشكارىلانغان، بۇ باتارىيە مەخپىي نامى Projecto Alpha بولغان LG G8 ThinQ يانفونىغا سەپلىنىدىكەن. دېمەك، LG G8 ThinQنىڭ باتارىيەسى 3500mAhلىك بولۇپ، ئالدىنقى ئەۋلاد G7 ThinQغا قارىغاندا 500mAh چوڭ.

    G7 ThinQ يانفونىغا LCD ئېكران ئىشلىتىلگەن، ئېكران چوڭلۇقى 6.1 دىيۇم، پەرق ئېتىشچانلىقى 3120x1440، بىر تەرەپ قىلغۇچ تىپى سناپدراگون 845، شۇڭا 3000mAhلىك باتارىيە سەل كىچىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ بويىچە ئېيتقاندا، G8 ThinQنىڭ باتارىيە سەپلىمىسى ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، G8 ThinQ ماڭلاي ئېكرانلىق بولۇپ، چوڭلۇقى 6.1 دىيۇم كېلىدىكەن، بىر قىسىم ئۇچۇرلاردا بۇ يانفوننىڭ ئېكرانىغا Sound-on-Display (ئاۋاز چىقىرالايدىغان ئېكران تېخنىكىسى) قوللىنىلغان دېيىلگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى