• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ما يۈن: دوستلار شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلماسلىقى كېرەك

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:58 01-02-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    2019-يىللىق دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىللىق يىغىنى ئالدىنقى ھەپتىدە شۋېتسارىيىنىڭ كىچىك بازىرى داۋۇستا ئۆتكۈزۈلدى، ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ما يۈنمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

    ما يۈننىڭ دېيىشىچە، ئۇ سودا مەكتىپىدە ئوقۇغان نۇرغۇن ساۋاقداشلارنىڭ ۋە ياخشى دوستلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغانلىقىنى، شېرىكلىشىپ شىركەت قۇرغانلىقىنى ئەمما نەتىجىسىنىڭ پۈتۈنلەي ياخشى بولمىغانلىقىنى كۆرگەن. ما يۈن ياشلار ۋەكىللىرىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ مەسىلىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغان، كىشىلەر ھەمىشە سودا قىلىش تويغا ئوخشايدۇ، شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلىش بولسا توي قىلغانغا ئوخشايدۇ دېيىشىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، مەن سىلەرگە سودا قىلغاندا دوست-ئاغىنىلەرنى ئىزدىمەسلىكنى، ئۇلارنى سودا شېرىكىڭلار قىلماسلىقىڭلارنى، دوستلار بىلەن شېرىكلىشىپ شىركەت قۇرماسلىقىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن».

    ما يۈننىڭ قارىشىچە، دوستلار ئارىسىدا پەقەت دوستلۇقنى ساقلاپ قېلىش ھەممىدىن زۆرۈر ئىكەن، چۈنكى دوستلۇق ھەممىدىن قىممەتلىك ئىكەن.

    ما يۈننىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئۆزى دائىم ساياھەت قىلىپ كۆپ دوست تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ دوستلىرى ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىن كەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ رەھبەرلىك ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ئۆز كەسپىي ساھەسىدە ئالاھىدە ئادەملەر ئىكەن. ما يۈن يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مەن دوستلۇققا ئىشىنىدىغان ئادەم، مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم بار. يەنە بىرەيلەن مەندىن،-سەن قانداق قىلىپ تۈرمىدىكى ئادەمنى دوست تۇتۇپ قالدىڭ، بىر جىنايەتچىنى دوست تۇتۇپ قالدىڭ،-دەپ سورىدى، ئەمما مەن،- ئۇنداق بولسا نېمىشقا بولمىغۇدەك، ئۇ پەقەت بىر خاتالىق ئۆتكۈزدى ھەم ئۇنىڭغا لايىق جازاغا تارتىلدى، ئۇ يەنىلا مېنىڭ دوستۇم، جازا مۇددىتىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن بىز يەنىلا ياخشى دوستلاردىن بولىمىز، دېدىم».

    ما يۈننىڭ قارىشىچە، دوست تۇتقاندا ئۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك ئۇتۇق قازانغانلىقىغا قارىماسلىق لازىم ئىكەن، دوستلار ئۆز-ئارا قوللاش، ئۆز-ئارا ياخشى پىكىر تەكلىپ بېرىش ئەڭ مۇھىم ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى