• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    LG شىركىتى 6G تورىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى

    مەنبە : new.qq.com
    يوللانغان ۋاقىت : 23:48 28-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىگىلىنىشىچە، LG كورېيەدىكى بىر ئالىي تېخنىكا شۆيۈەنىدە 6G تەتقىقات مەركىزى قۇرغان، LG بۇ تەتقىقات مەركىزىدە 5G بىلەن 6G تېخنىكىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى تېخنىكىغا ئائىت ھەمكارلىق تۈرىنى ئىشلەيدىكەن، نىشانى رىقابەتچىلىرىدىن بالدۇر 6G بازىرىغا يۈرۈش قىلىش ئىكەن.

    LG 6G تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى كەلگۈسى ئون يىلدىكى تور تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

    LG شىركىتى ئەقلىيفون ساھەسىدە ئانچە كۆزگە كۆرۈنەلمىگە بولسىمۇ، ئەمما 4G دەۋرىدە ئۇلار LTE ۋە LTE-Advanced تېخنىكىسىغا ئائىت نۇرغۇن پاتنېت ھوقوقىنى قولغا كەلتۈردى. LG كورېيەدە LG Uplus نامىدىكى خەۋەرلىشىش شىركىتىگە ئىگە، بۇ شىركەت 2011-يىلى كورېيەدە 4G مۇلازىمىنى يولغا قويغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى