ماتېرىيال سۈرەت
مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 27-كۈنى سائەت 13 تە، شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىدىن مۇداپىئەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى كۈندۈزدىن 1-ئاينىڭ 29-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، قومۇل شەھىرىدە تېمپېراتۇرا ℃8 تىن ℃10 قىچە تۆۋەنلەپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، ئالتاي ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شەرقى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃12 تىن ℃15 قىچە تۆۋەنلەيدىكەن، يۇقىرىقى قىسمەن رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃15 تىن ئارتۇق تۆۋەنلەيدىكەن.