• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئاۋسترالىيەدىكى بۇ ئۈسكۈنىدە بىر سائەتتىلا ئەيدىز قاتارلىق كېسەللەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىيالايدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:22 28-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 24-يانۋار سىدنېيدىن بەرگەن تېلېگراممىسى ۋە ئاۋسترالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋىسترالىيە موناش داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېڭى بىر خىل ئۈسكۈنىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان. بۇ خىل ئۈسكۈنە بىمارنىڭ تېنىدىكى كېسەل قوزغاتقۇچى پاتوگېننى تەكشۈرۈپ، كېسەل سەۋەبىنى تېز ئېنىقلاپ چىقىدىكەن، شۇ ئارقىلىق بىمارلارنى تېخىمۇ تېز ساقايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ خىل ئەسۋاب ئەمەلىيەتتە بىر خىل كىچىك تىپتىكى نۇر ئىسپېكتروسكوپى بولۇپ، ئىنفرا قىزىل نۇر ئارقىلىق قاندىكى كېسەللىك قوزغاتقۇچى پاتوگېننى ئېنىقلاپ چىقىدىكەن. تەتقىقات خادىملىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە ھەر خىل كېسەللىك قوزغاتقۇچى پاتوگېننىڭ ‹خىمىيەلىك بارماق ئىزى›غا ئوخشاش ئالاھىدىلىكى بار. بۇ خىل يېڭى ئۈسكۈنە مۇشۇنىڭغا ئاساسەن بىمارلارغا دىياگنوز قويىدۇ.

    تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: «بۇ ئۈسكۈنە بىمارنىڭ قان ياكى باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقى ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق، بىر سائەت ئىچىدە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى ھەمدە ئەيدىز كېسىلى، جىگەر ياللۇغى ۋە دىئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى تېز ئېنىقلاپ چىقالايدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ ئۈسكۈنە يەنە بىمارنىڭ قان ئارخىپىنى تۈزۈپ چىقىپ، بىمارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ».

    بۇ ئۈسكۈنىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان، موناش داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى بايدېن ۋۇد مۇنداق دېدى: «ھازىرقى تېخنىكىدا بىر نەچچە كۈندە ئاندىن رەسمىي دىياگنوز نەتىجىسى چىقىدۇ، لېكىن بۇ خىل (يېڭى) تېخنىكىنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى بۇ ئۈسكۈنە بىمارغا بىر سائەت ئىچىدە دەسلەپكى دىياگنوز قويۇپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان كېسەللىك بار بىمارلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ چىقالايدۇ ۋە ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ».

    بۇ خىل ئۈسكۈنە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن يەتتە كىلوگرام كېلىدۇ. بىر كىچىك تىپتىكى باتارىيە ئارقىلىق قوزغىتىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە ئامېرىكىدا پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇ ئۈسكۈنىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەلگۈسى ئۈچ-تۆت يىل ئىچىدە رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى