• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ما يۈن: ئەقىللىق ئادەمنى قوبۇل قىلىمەن، نادانلىق راك كېسىلىدىنمۇ يامان

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:15 28-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    24-يانۋار، 2019-يىلى قىش پەسللىك داۋوس «ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيەت رەئىسى ما يۈن بىلەن سۆھبەت» نامىدىكى يىغىندا ما يۈن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قانداق تاللاش ھەققىدە سۆز قىلدى.

    ما يۈن ئادەم تاللاشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئاساسىي تەلەپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەققىدە توختىلىپ، تاللايدىغان ئادەمنىڭ چوقۇم ئەقىللىق بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ما يۈن يەنە ئەلى بابا قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەقىللىق ئادەمنى ئالدىن تاللاش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە دۆتلۈك ئەڭ چوڭ كېسەللىك، بۇ كېسەلنىڭ خەتىرى ئەڭ يامان. چۈنكى شۇنچە قورقۇنچلۇق راك كېسىلىنىمۇ داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، لېكىن ئەخمەقلەرگە ئامال يوق. لېكىن ئەقىللىق بولۇشنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ناھايىتى كۆپ، ئۆگىنىشتە تىرىشچان،تەپەككۇرى جانلىق، كەسىپتە پىشقانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەقىللىق دەپ ئاتاشقا بولىدۇ». ما يۈن يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئاغزاكى ئۆلچىمىدىكى «ئەقىللىق» بولۇشنىڭمۇ مەنە جەھەتتىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

    بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن داۋوس يىغىنىدا ما يۈن: «مەن تېخنىكىنى چۈشەنمەيمەن، باشقۇرۇشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنمەيمەن، لېكىن مېنىڭ بىر ئامالىم بار، ئۇ بولسىمۇ دەل مەندىن ئەقىللىق كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش». ئۇ دېگەن ئەقىللىق كىشىلەر بولسا كەسپىي بىلىمى بىلەن كوللېكتىپ ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتەلەيدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتەتتى.

    ما يۈن 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنيا بانكىسىنىڭ كۈزلۈك يىللىق يىغىنىدا ئادەم ئىشلىتىش ئۆلچىمى ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەردە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش روھى ۋە ئۆزىنى قوزغىتىش ئىقتىدارى بولۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنىدى: «مەن تەكلىپ قىلغان ئادەمنىڭ مەندىن ‹سىز مېنىڭ نېمىلەرنى قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىسىز؟› دەپ سورىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىزنىڭ نېمە ئىش قىلىشىڭىزنى ئويلىمايمەن، پەقەت ئويلايدىغىنىم شۇكى، سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلالايسىز؟ سىز كوللېكتىپ ئۈچۈن نېمە ئىش قىلالايسىز؟ مانا بۇ تېخىمۇ مۇھىم نۇقتا!». ئۇنىڭدىن باشقا ما يۈن يەنە ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئىقتىدارى بولۇشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنىدى.

    بۇ قېتىمقى داۋوس سۆھبىتىدە ما يۈن مۇنداق دېدى: «كارخانا مەڭگۈ مۇكەممەل ئادەم قوبۇل قىلالمايدۇ، كارخانا ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق ئادەم سىز بىلەن بىللە خىزمەت قىلالايدىغان، تەربىيىلەشنى قوبۇل قىلالايدىغان، ئاندىن ئۈزلۈكسىز بىللە تەرەققىي قىلالايدىغان ئادەمدۇر».


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى