• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قىشتا ماشىنا ھەيدەشتە چۇقۇم دىققەت قىلدىغان تۆت نوقتا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:56 28-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بىرىنچى نۇقتا ماشىنا قىزىتىش، قىش كەلسە بەزى ماشىنىلارنى قىزىتىش كېرەك، ئەمما ئەسلىدىكى ئورنىدا ماشىنا قىزىتىش تەكلىپى بەرمەيمىز ھەم ئاستا سۈرئەتتە ماشىنا قىزىتىش تەكلىپى بەرمەيمىز، مۇنداق تەكلىپ بەرمەسلىكىمىزنىڭ سەۋەبى بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا كاربون توپلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى يېقىلغۇ كۆيۈش تولۇق بولمىسا ھەرقايسى جەھەتلەردىن بىنورمال بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئاندىن كاربون توپلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر سۇ تېمپېراتۇرىسى بىنورمال بولسا يا ماشىنىنىڭ قىزىل سىزىقتىن ھالقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ يا ماشىنىدا كۆك سىزىق پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يا بولمىسا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولىدۇ ياكى يۇقىرى بوپ كېتىدۇ، ئاندىن ماشىنىنىڭ ماتورىدا كاشىلا كۆرۈلىدۇ، ئەگەر ماتور تېمپېراتۇرىسى زىيادە بىنورمال بولسا ھەمدە چەك قىممەتتىن ئېشىپ كېتىدىغان بولسا، يېرىم يولدا ماتور كۆيۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئېھتىمال ئېغىر ئۇپراش سەۋەبلىك ماشىنا ماڭالماي قېلىشى مۇمكىن، ئەڭ ئاخىرىدا ماشىنا بىراك بولىدۇ.


    ئىككىنچى مەسىلە ئوت ئالدۇرۇش، ھاۋا سوغۇق چاغدا ئوت ئالدۇرۇش ھەقىقەتەن تەس ئەمما ھەم ئوت ئالدۇرۇاش ۋاقتىنىڭ 10 سېكۇنت بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ ئارىلىق ۋاقىت، 10 سېكۇنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەم ئون سېكۇنتتىن ئاز بولماسلىقى كېرەك، بولمىسا باتارىيەسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.


    ئۈچىنچى نۇقتا ئەينەك سۈيىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك، ياز كۈنلىرى يازنىڭ ئەينەك سۈيى بولىدۇ، قىش كۈنلىرى قىشنىڭ مەخسۇس ئەينەك سۈيى بولىدۇ، يازدا ئىشلىتىدىغان ئەينەك سۈيىنى قىشتا ئىشلىتىش تەكلىپىنى بەرمەيمىز، چۈنكى ئۇنى تېمپېراتۇرا تۆت سېلسىيە گرادۇستىن تۆۋەن چاغدا پۈركۈپ چىقارغىلى بولماسلىقى مۇمكىن، مۇبادا بۇ نەرسىنى نورمال ئىشلەتمىسەك، ماشىنىنىڭ يامغۇر چوتكىسى دېگەندەك نەرسىلىرى توڭلاپ قالىدۇ، مۇزلاپ قالغاندىن كېيىن بۇ ئاپتوموبىلدا يېرىلىش پەيدا قىلىدۇ.


    تۆتىنچى نۇقتا ئاپتول ئالماشتۇرۇش كېرەك، ئاپتولنىڭ ئەڭ چوڭ رولى سىلىقلاشتۇر، نۇرغۇن كىشى ئاپتوموبىل 5000 كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن ئاندىن ئاپتول ئالماشتۇرۇش كېرەك دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراش كېرەك، ئاندىن قانچىلىك مۇساپە ماڭغاندا ئاندىن ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىگە قاراش كېرەك، قىش كەلگەندە ئاپتول ئالماشتۇرۇش كېرەكمۇ يوق تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك، چۈنكى قىش كۈنلىرى ئاپتول ئاسانلا قېتىپ قالىدۇ، ماشىنا ئاسانلا داتلىشىدۇ، شۇڭا مۇددەتتىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ كۆرۈش كېرەك، ئەگەر ئالماشتۇرۇش كېرەك بولسا ئالماشتۇرۇش كېرەك، بولمىسا يېرىم يولدا ماشىنا سىلىقلاش مېيى بولماسلىق سەۋەبلىك ئۇپراپ كېتىشى مۇمكىن، ئېھتىمال باشتىلا بايقاپ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما بايقىغان چاغدا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىمىز.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى