• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئېلىمىز كوماندىسى تۆت كۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمىدى

    مەنبە : www.uycnr.com
    يوللانغان ۋاقىت : 22:50 28-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 0:00 ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 2-مەيدان چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ئېلىمىز كوماندىسى ئاسىيادا 1-ئورۇندا تۇرىدىغان كۈچلۈك رەقىبى ئىران كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئېلىمىز كوماندىسىدىكى ئۈچ مۇداپىئەچىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى، ئېلىمىز كوماندىسى 0 دە 3 نەتىجە بىلەن رەقىبى ئىران كوماندىسىغا يېڭىلىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولدى. سەل ئاۋۋال ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مەيدان چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ياپونىيە كوماندىسى 1 دە 0 نەتىجە بىلەن ۋېيتنام كوماندىسىنى يېڭىپ، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى.

    ئېلىمىز كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە بەش مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئۈچ مەيدان يەڭدى، ئىككى مەيدان يېڭىلدى. يەنى، قىرغىزىستان، فىلىپپىن، تايلاند كوماندىلىرىنى يەڭدى، كورىيە، ئىران كوماندىلىرىغا يېڭىلدى. ئېلىمىز كوماندىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەنزىلىگە ئۇتۇقلار تىلەيمىز!

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى