• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    پويىز شوپۇرلىرى «ئۇيقۇ گۇۋاھنامىسى» بولمىسا پويىز ھەيدىيەلمەيدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 19:15 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    پويىز شوپۇرى شې خېلوڭنىڭ «ئۇيقۇ گۇۋاھنامىسى»

    مۇخبىرىمىز جاۋ مىن خەۋىرى: چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، پويىز شوپۇرى سەھەر تۇرۇپ، كەچ ئىشتىن چۈشۈپ، ئىنتايىن جاپالىق ئىشلەيدۇ. شوپۇرلارنىڭ پويىز ھەيدىگەندىكى روھى ھالىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىغا ئۆلچەم بېكىتىلدى.

    مۇخبىر 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزال پاراۋوز ئوچاستىكىسىدىكى پويىز خادىملىرى ياتاق بىناسىغا كەلدى. بەلگىلىمە بويىچە، بارلىق پويىز خادىملىرى يولغا چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن چوقۇم بۇ ياتاق بىناسىغا كېلىپ ئۇخلاپ، «ئۇيقۇ گۇۋاھنامىسى»نى ئالغاندىن كېيىن يولغا چىقىشى كېرەك.

    «ئۇيقۇ گۇۋاھنامىسى»نى كۆپىنچە شوپۇرلار «يېشىل بېلەت» دەپ ئاتاشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ،بۇ گۇۋاھنامە پويىز شوپۇرلىرىنىڭ پويىز ھەيدەشتىن ئىلگىرىكى ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىگە كاپەتلىك قىلىدىغان ئىسپات.

    شوپۇر شې خېلوڭ مۇنداق دېدى: ئۆلچەملىك ئىسمېنا بويىچە ئىشلىگەن كۈنلەردە ئاز دېگەندە تۆت سائەت، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغان كۈنلەردە 8~6 سائەت ئۇخلىمىساق بولمايدۇ.»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى