• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بۇرچىن ناھىيەسىدە تۇمان سۆڭگىسى بايرىمى قىزىپ كەتتى

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 19:02 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ساياھەتچىلەر «بۇ بۇ» ۋە «جىن جىن» بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.

      جۇڭگو. شىنجاڭ. بۇرچىن 3-نۆۋەتلىك تۇمان سۆڭگىسى بايرىمى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بۇرچىندا رەسمىي باشلاندى.

      ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئەنئەنىۋى ئۆزگىچە نومۇرلار ۋە ناخشا-ئۇسسۇللاردىن سىرت يەنە بۇرچىننىڭ چۆچەك IP ئوبرازى «جىنلىڭ جەمەتى»مۇ ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا يېتىپ كەلدى، ساياھەتچىلەر بەس-بەستە «بۇ بۇ» ۋە «جىن جىن» بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

      بۇرچىن ناھىيەسى بۇ قېتىملىق تۇمان سۆڭگىسى بايرىمى مەزگىلىدە قار-مۇز تاماشاسى، مەززىلىك تائاملاردىن ھۇزۇرلىنىش، كىتاب ئوقۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كۈندۈزلۈك ساياھەت تۈرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن باشقا، يەنە ساياھەت مەزمۇنىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇرچىننىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، گۈلخان كېچىلىكى قاتارلىق كېچىلىك پائالىيەتلەرنىمۇ ئۇيۇشتۇرىدىكەن.

      ئىگىلىنىشىچە، بۇرچىن ناھىيەسى نۆۋەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن قىشلىق ساياھەتنى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بايرام تەنتەنىسى بىلەن ساياھەتنى جانلاندۇرۇپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە قىشلىق ساياھەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىدىغان ياخشى پۇرسەت ھازىرلىغان. 2018-يىلى، ناھىيە 540 مىڭ ساياھەتچى(قېتىم)نى كۈتۈۋالغان ۋە 5 مىليارد 507 مىليون يۈەن كىرىم قىلغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %73 ۋە %39 ئاشقان.






    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى