• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    جۇڭگونىڭ ياساش سانائىتى زادى قانچىلىك قالتىس؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 01:04 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىنى تىلغا ئالساق گەرچە قاچاندىن باشلانغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما بىز ئۇنىڭ «جۇڭگو ياسىغان» دېگەن «خەتكۈچ» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. جۇڭگو ياساش سانائىتى جەھەتتە تەرەققىي قىلغان بولغاچقا جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادى، ھەربىي ئىشلار سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئالغا باستى. يېقىندا تاراتقۇلار ئېلىمىزنىڭ ياساش ساھەسىنى تونۇشتۇردى.

    ياساش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تۈرلۈك يېڭى ياساش تېخنىكىسى كۆز ئالدىمىزدا ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى، 3D پىرىنتىرلاش تېخنىكىسى دەل بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. بۇ 3D پىرىنتىرلاش تېخنىكىسىدا ياسالغان تىتان ماتېرىيالىدىن ياسالغان ئوتتۇرا قانات گىرۋىكى بۇرۇن قىرغۇچى 20 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ياڭ ۋېينى چوڭقۇر ئويغا سالغان.

    بۇ 3.07 مېتىر كېلىدىغان ئوتتۇرا قانات گىرۋىكى 2013-يىلى C919 سىناق ئايروپىلانىغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ھەم ئېلىمىز ئايروپىلانىغا تۇنجى قېتىم لايىھەنى سىناق قىلىش باسقۇچىدىلا 3D پىرىنتىرلانغان كۈچ چۈشۈرگۈچى زاپچاسلارنىڭ ئىشلىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ ھەم خەلقئارادىمۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش. غەربىي شىمال سانائەت داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى خۇاڭ ۋېيدوڭ مۇنداق دېگەن: «مېتالنى 3D پىرىنتىرلاش تېخنىكىسى تىتان زاپچاسلىرىنى پىشىشقلاپ ئىشلەشنى يېڭى تېخنىكا يولى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئاۋىياتسىيە ياساش سانائىتى ئۈچۈن بىر يېڭى كۆزنەك ئاچتى.»

    نۆۋەتتە جۇڭگو باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئايروپىلان، ئالەم ئۇچقۇسى قاتارلىق ساھەلەردە بۇ تېخنىكىنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، سىرلىق يېرى ئەسلىدە ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ئىشلىتىلسە ئالتە ئاي ۋاقىتتا ئاران تاماملاپ بولغىلى بولىدىغان ياساش ۋەزىپىسى 3D پىرىنتىرلاش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن پەقەت بەش كۈندىلا تاماملانغان.

    بۇرۇنقى ۋاقىتتا مېتالنى 3D پىرىنتىرلاش تېخنىكىسى مۇرەككەپ بىرىكمە ماتېرىيالغا ئوخشاش، ئىشلىتىلىشنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن كۆرەش ئايروپىلانىنىڭ ئىلغارلىق دەرىجىسى ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ دەپ قارالغان. جۇڭگو تىتاننى لازىر نۇردا شەكىلگە كەلتۈرۈش ۋە قۇراشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن بىردىنبىر دۆلەتكە ئايلانغاندىن كېيىن، غەرب ئەللىرى بۇ خىل قاراشلىرىنى چۆرۈپ تاشلىغان. بۇنىڭدىن ئېلىمىزنىڭ ياساش تېخنىكىسى جەھەتتە قانداقراق سەۋىيەدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

    مېتالنى 3D پىرىنتىرلاش تېخنىكىسى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ قالتىس ياساش تېخنىكىسىنىڭ بىر كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. جۇڭگونىڭ ھەقىقىي قالتىس تەرىپى بۇنىڭ بىلەنلە چەكلەنمەيدۇ. ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ ياساش سانائىتى قانچىلىك قالتىس؟ لاسۋېگاستىكى ئىستېمال ئېلېكترون كۆرگەزمىسىدە «جۇڭگو ياسىغان» دېگەن خەتكۈچ يەنە بىر قېتىم مول نەتىجىگە ئېرىشتى.

    «جۇڭگونىڭ ئىسىم كارتىسى» دەپ ئاتىلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تىرانسپورت سىستېمىسى ھازىر رۇسىيە، بىرازىلىيە، پېرۇ قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتى. يەنە بىر خىل كېمە ياساش، يۈك ساندۇقى توشۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان «لوڭمېن كىرانى» نۆۋەتتە %90 بازارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەر چوڭ تىپتىكى پاراخوتلارنى ياسىغان ۋاقىتتا بۇ ئۈسكۈنىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەنگلىيەنىڭ «ئايال پادىشاھ ئېلزابىت» ناملىق پاراخوتى دەل مۇشۇ ئۈسكۈنىنىڭ ياردىمىدە ياسالغان.

    «جۇڭگو ياسىغان» دېگەن بۇ بەلگە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەكتە، ئالدىدا تىلغا ئالغان C919دىكى 3.07 مېتىرلىق ئوتتۇرا قانات گىرۋىكى تېخنىكا چەكلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپلا قالماي، يەنە ئۈسكۈنىنى تېخىمۇ ئىشەنچىلىك قىلدى. 2014-يىلى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئايروپىلان ياساش كارخانىسىنىڭ بىرى بولغان فىرانسىيە ئايرىبۇس شىركىتى جۇڭگو كارخانىسى بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئايرىبۇس مۇنداق دېگەن:«بىز پەقەت دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كوللېكتىپ بىلەن ھەمكارلىشىمىز.»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى