• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ليەنشياڭ Phab 3 يانفونى FCCنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 01:02 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    نەچچە يىل بۇرۇن پۈتۈن ئېكران تېخى مودا بولمىغان چاغلاردا، بىر قىسىم كارخانىلار 6 دىيۇم، ھەتتا 7 دىيۇملۇق چوڭ ئېكرانلىق يانفونلارنى بازارغا سالغان، بۇ يانفونلار كىشىلەر تەرىپىدىن «تاختا كومپيۇتېر يانفون» ياكى «يانفون تاختا كومپيۇتېر» دەپ ئاتالغان. 2016-يىلى 11-ئايدا Phab 2 Pro ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ليەنشياڭ Phab يۈرۈشلۈكىدىكى چوڭ ئېكرانلىق يانفونلار تېخى يېڭىلىنىپ باقمىغانىدى، ئەمما GizmoChinaدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، يىقىندا يېڭى Phab يانفونى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن.
    ئامېرىكا FCC ئورگىنى يىقىندا Phab 3 يانفونى بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولغان يېڭى ليەنشياڭ يانفونىنى تەكشۈرۈشتن ئۆتكۈزگەن، بۇ يانفوننىڭ PB-6505M ۋە PB-6505MC ئىككى خىل تىپى باركەن. تۇنجى ئەۋلاد Phab يانفونىنىڭ تىپ نومۇرى PB1-750M، كىيىنكى Phab 2 Proنىڭ تىپ نومۇرى PB2-690M ئىدى.
    ماتىرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يېڭى ليەنشياڭ يانفونىغا تاق كامېرا ئورنىتىلغان، كەينىدە LED چىرىغى بىلەن بارماق ئىزى سېنزورى بار، ئاستىغا Dolby Digital دېگەن بەلگە چۈشۈرۈلگەن.
    ئېكران چوڭلۇقى تەخمىنەن 7.8 دىيۇم ئەتراپىدا، 5180mAhلىك باتارىيە سەپلەنگەن، قوش چاستوتىلىق WiFiنى قوللايدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى