• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ما يۈن: ئەگەر ئىنتېرنېت بولمىسا دۇنيا قانداق بولۇپ كېتىدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:58 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    داۋوس ئەندىشە ئىچىدە قالدى، ئەمما ما يۈن ھەقىقىي ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىكى پەن-تېخنىكا ئېقىمىغا يېتىشەلمەي كەلگۈسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

    1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەلى بابا گۇرۇھى مۇدىرىيەت ئىدارىسىنىڭ رەئىسى ما يۈن ئارخات سارىيى بىلەن دۇنيا بانكىسى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى قايتا تەكىتلىدى.


    ما يۈن مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلماقتا


    بۇ قېتىملىق داۋوستا ما يۈن ھەممە ئادەمنىڭ ئەندىشىسى بارلىقىنى بايقىدى، بەزىلەر پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، يەنە بەزىلەر خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، ئەمما ھېچكىم ئەگەر پەن-تېخنىكا ئېقىمىغا ماسلىشالمىسا كەلگۈسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ئەگەر بىز تەرەققىياتتىن توختاپ قالساق، بالىلىرىمىز نېمە ئىش قىلىدۇ، مانا بۇ ھەقىقىي ئەنسىرەشكە تېگىشلىك مەسىلە.»

    ئۇ 25 يىل بۇرۇنقى بېيجىڭدىكى بىر مۇھىم مۇھاكىمىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئەينى ۋاقىتتا كۆپچىلىك ئىنتېرنېتنى قانداق باشقۇرۇشتىن ئەندىشە قىلغانىكەن، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو ئىنتېرنېتقا تېخى ئۇلانمىغان، قاراپ باقىدىغان بولساق ئەينى ۋاقىتتىكى ئەندىشە يۈز بېرىپ باقمىدى.

    ما يۈن ئارخات سارىيىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئەندىشىسىنى قايتا تەكىتلىدى: «شۇڭا بىز كەلگۈسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە موھتاج، بىزنىڭ بۇ تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشىمىزنىڭ مەقسىتى دۇنيا ئۈچۈن، مۇتەخەسسىلەر، ئالىملارنىڭ نېمىدىن ئەندىشە قىلىش لازىملىقىنى تېپىپ چىقىشىغا موھتاجمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەمىشە ئەندىشە قەيەردە بولسا پۇرسەتمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.»

    ما يۈننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىنسانلار جەمئىيىتى ئەمدىلا سانلىق مەلۇمات دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئەگەر بالدۇرلا قاتتىق باشقۇرۇلۇپ، بالدۇرلا قانۇن تۇرغۇزۇلسا «خۇددى بىر ئۈچ ياشلىق بالىغا بىر قۈپ ئاياغ تىكىپ بۇ بالىغا بۇ ئاياغنى مەڭگۈ كىيىشكە بەلگىلەپ قويغاندەك» ئىش بولىدىكەن.

    ما يۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنجى قېتىملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئىككىنچى قېتىملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى پەيدا قىلغان، نۆۋەتتە ئۈچىنچى قېتىملىق پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى پارتلاۋاتقان بولۇپ، ئۇنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش زۆرۈر ئىكەن. پەن-تېخىكا ئارقىلىق كېسەللىك، مۇھىت بۇلغىنىشى، نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش زۆرۈر ئىكەن، بولمىسا ئىنسانلار ئۆزى پەن-تېخنىكىغا قارشى چىقىدىكەن.

    ما يۈننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەلى بابانىڭ 20 يىللىق تارىخى پەن-تېخنىكا نەپ يەتكۈزۈش، نامراتلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈن بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. پەن-تېخنىكىنى ئىللىتىش زۆرۈر ئىكەن، شۇندىلا كىشىلەر پەن-تېخنىكىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىكەن. پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ياخشىلىق قىلىش پىسخىكىسى بىلەن سودىنى ۋاستە قىلىپ ياخشى ئىش قىلىپ، دۇنيانى ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىشى زۆرۈر ئىكەن.

    ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 20 يىلدا جۇڭگو ئىنتېرنېت سەۋەبىدىن ئۆزگەرگەن، ئىنتېرنېت ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدىغان ھەرىلەتكەندۈرگۈچى كۈچ ئىكەن. ئۇ ئەلى بابانى مىسال قىلغان بولۇپ، ئۆتكەن 20 يىلدا ئەلى بابا جۇڭگودا 38 مىليون ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى