• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ۋىن دىسېل «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 9»نىڭ سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتىنى ئاشكارىلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:56 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى ۋىن دىسېلنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلىشىچە، «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 9» (速度与激情9) بۈ يىل 2-ئايدا لوندوندا سۈرەتكە ئېلىشنى باشلايدىغان بولۇپ، «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» يەنە ئايال باش رولچىلارنى ئاساس قىلغان تۇغۇندى كىنوسىنى ئىشلەيدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 9» 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدىغان بولۇپ، لېكىن بۇ يىل بۇ يۈرۈشلۈك كىنولارنىڭ تۇغۇندى كىنوسى ھېسابلىنىدىغان «خوببس بىلەن شاۋ» قويۇلىدۇ، يەنى بۇ كىنو 8-ئاينىڭ 2-كۈنى قويۇلىدىغان بولۇپ، جەيسىن سىتاسام بىلەن دىۋايىن جونسون باش رول ئالىدۇ.


    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋىن دىسېل تىلغا ئالغان ئايال ئارتىس باش رول بولىدىغان «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» تۇغۇندى كىنوسى مىچېل رودرىگۇز رولىنى ئالغان لەيدى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ ئوبراز «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات»تىكى تەسىرى كۈچى زور ئوبرازلارنىڭ بىرى بولۇپ،ئۇنىڭ خاتىرىسىنى يوقاتقان ئۆتمۈشىمۇ بار، بۇ تۇغۇندى كىنوغا يېتەرلىك پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى