• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    2019-يىلى تۆشۈك ئېكران يانفون كەسپىدىكى يېڭى ئېقىمغا ئايلىنىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:54 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    Digitimesنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى بىر قانچە يىلدا پۈتۈن ئېكران يانفون كەسپىدىكى لايىھە يۈزلىنىشىگە ئايلانغان بولۇپ، ئېكران زاۋۇتلىرىمۇ ئاكتىپ ماسلاشقان. سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2017-يىلى پۈتۈن ئېكرانلىق يانفون ئاران %9نى ئىگىلىگەن، 2018-يىلى بولسا %64كە ئۆرلىگەن. 2019-يىلى، 2019-يىلى ئايرىم-ئايرىم %86، %96كە ئۆرلىشى مۇمكىن ئىكەن، ماڭلاي ئېكران، سۇ تامچىسى شەكلىدىكى ئېكرانلىق يانفون كۈچلۈك ئېشىش ھالىتىنى نامايەن قىلىدىكەن.

    18:9 نىسبەتلىك پۈتۈن ئېكران، ماڭلاي ئېكراندىن كېيىن تۆشۈك ئېكرانلىق يانفون 2019-يىلىدىكى لايىھە يۈزلىنىشىگە ئايلىنىدىكەن. Digitimesنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سامسۇڭ چىقارغان Galaxy A8s دۇنيادىكى تۇنجى تۆشۈك ئېكرانلىق يانفون بولۇپ، ئېكران تاختىسىنى جىڭدوڭفاڭ تەمىنلىگەن.

    تۆشۈك ئېكران ئۆتۈشۈشچان تۆشۈكلۈك ۋە كۆرۈنمەس تۆشۈكلۈك دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدىغان بولۇپ، سامسۇڭ Galaxy A8s ئالدىنقىسىغا تەۋە، خۇاۋېي nova 4 كېيىنكىسىگە تەۋە، ئېكران كارخانىلىرىدىن تيەنما، شېنچاۋ فوتوئېلېكتىر شىركىتى، جىڭدوڭفاڭ قاتارلىقلار بار.

    سامسۇڭ، خۇاۋېيدىن باشقا قالغان يانفون كارخانىلىرىمۇ ناھايىتى تېزلا تۆشۈك ئېكرانلىق يانفونىن

    ى چىقىرىدۇ. Digitimesنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ليەنشياڭ 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۇنجى تۆشۈك ئېكرانلىق يانفوننى چىقىرىدىكەن، باشقا يانفون كارخانىلىرى 2019-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئېلان قىلىدىكەن.

    كەسىپ ئىچىدىكىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۆشۈكلۈك ئېكرانلىق يانفون تېز سۈرئەتتە يېڭى ئېقىمغا ئايلىنىدىكەن، 2019-يىلى تۆشۈك ئېكرانلىق يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى تەخمىنەن 110 مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، %8نى ئىگىلەيدىكەن، 2020-يىلى %20كە يېتىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى