• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى يېشىل رەڭلىك ئوق پويىز قاتنىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:53 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 20:05 ئۆتكەندە، D712 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز خاڭجوۋدىن قوزغالغان. بۇ پويىز يېشىل رەڭلىك ئوق پويىز بولۇپ، كىشىلەر بۇ پويىزنى «يېشىل گىگانت ئادەم» دەپ ئاتىغان. بۇ پويىز يېقىندا توختىتىلغان T32 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئورنىغا سەپلەنگەن بولۇپ،خاڭجوۋ بىلەن بېيجىڭنىڭ ئارىلىقىدا قاتنايدىكەن.


    بۇ پويىزنىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 160 كىلومېتىر بولۇپ، قىسقا پويىز ۋە ئۇزۇن پويىزدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىكەن. قىسقىسىنىڭ توققۇز ۋاگونى بار بولۇپ، ئىچىدە 720 يولۇچى سىغىدىكەن. ئۇزۇنىنىڭ 11 ۋاگونلقىدىن تارتىپ 20 ۋاگونلۇقىغىچە بار بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 1102 ئادەم سىغىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى