• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    خانلىق مادرىد مارسېلونى قولدىن چىقىرىشقا تەييارلىنىپ بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:48 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «ئا س گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، خانلىق مادرىد مارسېلونى قولدىن چىقىرىشقا تەييارلىق كۆرۈپ قويغان بولۇپ، ئۇلار مارسېلونىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان ئۈچ توپچىنى نىشانلاپ قويغان، بۇ ئۈچ توپچى جۇنىئور فىرپو، ماركوس ئالونسو ۋە فرەن گارسىيا قاتارلىقلار ئىكەن.

    خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خانلىق مادرىد رەئىسى فىلورېنتىنونىڭ مارسېلونى سېتىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ مەشىقتە ئەستايىدىل بولمىغان، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن، مۇسابىقىدە ھۇجۇمغا قوشۇلسا مۇداپىئەگە يېتىشەلمىگەن، مائاشى يۇقىرى، يېشى چوڭ، شۇنداقلا كۆپ قېتىم يارىلىنىدىغان بولغاچقا خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان سەۋرچانلىقى ئاخىرلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يۇۋېنتۇسقا قوشۇلۇپ كىرىستىيانو رونالدو بىلەن جەم بولۇشى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمىنى نارازى قىلغان.


    ئىگىلىنىشىچە، خانلىق مادرىد تېخنىكى بۆلۈمى رەئىس فىلورېنتىنوغا مارسېلونىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان توپچىلارغا ئائىت دوكلات تاپشۇرغان بولۇپ، مارسېلونىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ توپچىنى نىشان قىلغان.

    بىرىنچىسى خانلىق جەمئىيەتتىكى جۇنىئور فىرپو، ئۇ 1996-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بوي ئېگىزلىكى 1.84 مېتىر، ھۇجۇم ئىقتىدارى قالتىس. بۇ ياش توپچى بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۈچ توپ كىرگۈزگەن بولۇپ،مارسېلودىنمۇ بىر توپ كۆپ كىرگۈزگەن، بېلدىن بىر توپ ئاز كىرگۈزگەن... جۇنىئور فىرپو ھازىر ئىسپانىيە U21 كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان بولۇپ، توختام بىكار قىلىش سوممىسى 50 مىليون ياۋرو.

    ئىككىنچىسى چېلسىدىكى ماركوس ئالونسو. ئۇ ئىسپانىيەلىك يان بېك، 1990-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى تۇغۇلغان، بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ بولدى. ماركوس ئالونسونىڭ بوۋىسى، دادىسى ۋە ئۇ قاتارلىق بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىغا كىرگەن بولۇپ، خانلىق مادرىد بۇلتۇر يازلىق يۆتكىلىش كۆزنىكىدىلا ئۇنى قوشۇۋېلىپ مارسېلونىڭ ئورنىغا قويماقچى بولغان، ئەمما ئاخىرىدا يۆتكىلىش سودىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماركوس ئالونسونىڭ توختامى 2023-يىلى ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، ئۇ مارسېلونىڭ بۇ ئۈچ «ئىزباسارى» ئىچىدىكى قوشۇۋېلىش ئەڭ تەس توپچىنىڭ بىرى.

    ئۈچىنچى «ئىزباسار» بولسا فرەن گارسىيا، ئۇ خانلىق مادرىدنىڭ B كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ. «ئا س گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، خانلىق مادرىدنىڭ بۇ توپچىنى بىرىنچى سەپكە كىرگۈزۈشى ئىنتايىن ئوڭاي، لېكىن تۇتۇپ قېلىشى بىرقەدەر تەس ئىش بولۇپ، ئەگەر ئۇلار بۇ توپچىغا بىرىنچى سەپتىن ئورۇن ھازىرلىمىسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ باشقا كوماندىغا قوشۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رېگۇيلوننىڭ ئىپادىسى ئۇنىڭ بارا-بارا مارسېلونىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى