• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    2018-يىلى شىنجاڭنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 1820 يۈەنگە يەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:47 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ ئەيخوڭ 24-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلى 15 ئۆلكە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن.

    مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئەھۋالى


    بېيجىڭ ۋاقتى تورىنىڭ 25-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2018-يىلى تۆتىنچى پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 2018-يىلىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىدىكى ئىلگىرىلەش ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ئېلان قىلدى.

    لۇ ئەيخوڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر قايسى رايونلۇق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى ۋە مائاش يېتەكچى سىزىقىنى ئېلان قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىنغان بولۇپ، 2018-يىلى 15-ئۆلكە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەن.

    مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، 2018-يىلى 12-ئايغا قەدەر، شاڭخەينىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2420 يۈەنگە يېتىپ مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان، شاڭخەي، گۇاڭدوڭ، بېيجىڭ، تيەنجىن، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق ئالتە ئۆلكىنىڭ ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى 2000 يۈەندىن ئاشقان.

    كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت ھەققىدە ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كارخانىلارنىڭ مائاش كىرىم تەقسىماتى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ مائاش بېكىتىش مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار مەسئۇلىنىڭ مائاش تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى