• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    100 كىلومېتىردىكى ماي سەرپىياتى قانچىلىك بولسا ئاندىن ماي تېجەيدىغان ماشىنا ھېسابلىنىدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:41 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ماي باھاسى ئىزچىل كىشىلەرنىڭ قىزىق پاراڭ تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن، ماي باھاسى ئىزچىل مۇقىم ئەمەس، بەزىدە بەكلا ئۆسۈپ كېتىدۇ، بەزىدە چۈشۈپ كېتىدۇ. بەزى ماشىنا ئىگىلىرى ئاغرىنىپ، ماشىنا ھەيدەش ناھايىتى قولايلىق، ئەمما ماي پۇلىغا بەزىدە راستىنلا چىقىش قىلالماي قالىمىز ھەمدە نوقۇللا ماي پۇلى ئەمەس، ماشىنا ئاسراشتىكى باشقا خىراجەتلەرمۇ ناھايىتى كۆپ دېيىشىدۇ. باشقا خىراجەتلەردە ئاسراش ھەققى ۋە ماشىنا توختىتىش ھەققىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئۇنداقتا ئادەتتە ماي تېجىسەك يۈكنى ئازايتقىلى بولىدۇ، شۇڭا بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر كىچىك چىقىرىش مىقدارىدىكى ماي تېجەيدىغان ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرۈشكە باشلىدى. 100 كىلومېتىردىكى ماي سەرپىياتى قانچىلىك بولسا ئاندىن ماي تېجەيدىغان ماشىنا ھېسابلىنىدۇ؟ ماشىنا رېمونتچىلىرى: بۇ ساندىن ئېشىپ كەتتە ھەممىسى ماي ئىچىدىغان ماشىنىلاردۇر!

    بەزى ماشىنا ئىگىلىرى ماشىنىنى ئاستا ھەيدىسە ماي تېجىگىلى بولىدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، بۇ قاراش خاتا، چۈنكى ماي تەپكىسىنى دەسسىمىگەن تەقدىردىمۇ، ماشىنا ماتورى يەنىلا ئوخشاش چىقىرىش مىقدارىدىكى بېنزىننى سەرپ قىلىدۇ ھەمدە يەنە كۆيۈشى تولۇق بولمىغانلىقتىن،بېنزىننى تېخىمۇ ئىسراپ قىلىدۇ. ئەگەر تېز ھەيدىسىڭىز ماي بېرىش مىقدارى كۆپىيىتىدۇ، ماي سەرپىياتى ئېنىقلا ئاشىدۇ، بۇ سىزنىڭ قارىشىڭىزدىكى مەشغۇلات. ئادەتتە، ماشىنا سۈرئىتى 90km/h ئەتراپىدا بولسا ماتورنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى، ماينىڭ كۆيىشىمۇ تولۇق بولۇپ ئارتۇقچە ماي بەرمەيسىز، بۇ سۈرئەت ئەڭ ماي تېجەيدۇ.

    ماي سەرپىياتى ھەم ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر گەۋدىسىنىڭ ئېغىرلىقى نىسبەتەن چوڭ ئاپتوموبىل بولسا، مەسىلەن SUVنىڭ ماي سەرپىياتى پىكاپتىن كۆپرەك بولىدۇ. چۈنكى كۆپرەك ھەرىكەت كۈچى ئارقىلىق ماشىنىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشى كېرەك، شۇڭا ماي كۆيدۈرۈشىمۇ كۆپىيىدۇ. ئۇنداقتا 100 كىلومېتىردىكى ماي سەرپىياتى قانچىلىك بولسا ماي تېجەيدىغان ماشىنا ھېسابلىنىدۇ؟ بىز 1.6Lلىق ماشىنا تىپىنى مىسال قىلساق، مەسىلەن ھەيدەش ئادىتى ياخشى ماشىنا ئىگىسى شەھەردە ھەيدىسە، پەقەت ماي سەرپىياتى 7.5Lدىن ئېشىپ كەتمىسىلا نورمال سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ. SUV تىپىنىڭ 8.5 لېتىر ئەتراپىدا بولۇشىمۇ نورمال، ئەگەر بۇ ساندىن ئېشىپ كەتسە ماي سەرپىياتى يۇقىرى ماشىنا ھېسابلىنىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى