• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    يۇۋېنتۇس مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلماقتا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:33 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>



    بېيجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەر سائەت 3:30دا، 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 21-ئايلانمىسىدا، يۇۋېنتۇس كوماندىسى مېھمان مەيداندا لازىئو كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدىغان بۇ مەيدان مۇسابىقە ئېنىقكى بۇ ئايلانمىدىكى تەسىرى كۈچلۈك مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ، ئالدىنقى ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس ھۇجۇمچىسى رونالدو، ئىتالىيە بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىدى، ئەمما يۇۋېنتۇس كوماندىسى يەنىلا 0:3 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يەڭدى، نۆۋەتتە يۇۋېنتۇس ئىتالىيە بىرلەشمىسى رەت تەرتىپىدە توققۇز نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن سەركىلىك ئورۇندا تۇرماقتا، ئالدىنقى ئايلانما ناپولى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان لازىئو كوماندىسى رەت تەرتىپتىكى تۆتىنچىلىك ئورنىنى رەقىبلىرىگە تارتقۇزۇپ قويدى، ئېنىقكى لازىئو ئۇدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشنى ئەسلا خالىمايدۇ، شۇنىڭدەك يۇۋېنتۇسمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەغلۇپ بولماسلىق ھالىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ، بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەر ئىككى كوماندىغا نىسبەتەن مۇھىم بولغاچ، يۇۋېنتۇس مۇسابىقىگە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلماقتا، مەشىق مەيدانىدىكى دىبالا، رونالدولارنىڭ ئىپادىسىدىن ئۇلارنىڭ غەلبىگە بولغان ئىشەنچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى