• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ما يۈن: ياشلارنىڭ يانفوندا پۇل تۆلەشنى ياقتۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نامراتلىق

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:32 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    23-يانۋار ما يۈن 2019-يىللىق قىشلىق داۋوس مۇنبىرىدە يەنە سۆز قىلىپ ياشلارنىڭ يانفوندا پۇل تۆلەشنى ياخشى كۆرۈشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب نامراتلىق دېدى.

    ما يۈن مىسال كەلتۈرۈپ: «ئىناۋەتلىك كارتا ئەمدىلا بارلىققا كەلگەندە پۇلدارلاردىلا بار ئىدى، شۇڭا يانفوندا ھەق تۆلەش پەيدا بولغاندا پۇلدارلار ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى، چۈنكى پۇلدارلارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى بار، لېكىن ياشلار يانفوندا ھەق تۆلەشنى دەرھال قوبۇل قىلدى، چۈنكى <بىز>دە پۇل يوق، بىر ئىككى موچەننىڭ كۆزىگە قارايمىز» دېدى.

    يانفوننىڭ جۇڭگودا تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىش سەۋەبى توغرىسىدا ما يۈن: «بۇرۇن (جۇڭگودا) ئازلا ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە مۇقىم تېلېفون بار ئىدى، شۇڭا يانفون پەيدا بولۇشى بىلەنلا كۆپچىلىك تېزلا قوبۇل قىلدى» دېدى.

    ما يۈن ئومۇملاشتۇرۇپ: «چۈنكى ئۇل ئەسلىھە ئىنتايىن ناچار، شۇڭا بىزگە پۇرسەت بار بولدى» دېدى.

    ئىنتىرنېتنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا ما يۈن: «ئىنتىرنېت پەيدا بولغان تۇنجى كۈنىلا بارلىق توپقا قارىتىلغان تېخنىكا بولۇپ، ياشلار ۋە نامراتلارنى قاپلىغان» دېدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى