• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    بىر ئورام ھاجەتخانا قەغىزىنىڭ باھاسى ئىككى مىليون 600 مىڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:04 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2013-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان بۇ بىر نەچچە يىلدا، ۋېنېسۇئېلانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. ئىقتىسادنىڭ ھەر يىللىق %20لىك چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، ئىستېمالدىكى مال باھاسىنىڭ يىللىق پاخاللىشىش نىسبىتى ئۆرلەپ، نەچچە يۈز مىڭ پىرسەنت نۇقتىسىغا يەتكەن. 2018-يىلى پاخاللىشىش نىسبىتى 100 دە بىر مىليون پىرسەنت نۇقتىسىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئېغىر پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن ۋېنېسۇئېلا پۇلى بولىۋار بارغانسېرى پۇلغا يارىمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۆتكەن يىلى مادۇرو ھەتتا «پۇل پۇلغا يارىماي قېلىۋاتقان» بۇنداق ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن «ئىگىلىك ھوقۇقى بولىۋارى» دېگەن نامدا يېڭى پۇل تارقىتىشقا مەجبۇر بولغان. ئەپسۇسكى پۇل پاخاللىقى ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىۋەرگەن. ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا تارتىلغان بىر يۈرۈش سۈرەتلەردىن قارىغاندا، ۋېنېسۇئېلا پايتەختى كاراكاستا مال باھاسى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە ئۆرلەپ، ھاجەتخانىدا ئىشلىتىدىغان بىر ئورام قەغەزنىڭ باھاسى 2 مىليون 600 مىڭ بولىۋارغا يەتكەن. بىر بولاق تازىلىق قەغىزى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېتىدىغان پۇلنىڭ ھەجىمى تازىلىق قەغىزىنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.

    2.4 كىلوگىراملىق توخۇ گۆشىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 14 مىليون 600 مىڭ بولىۋارغا يەتكەن. بۇنى ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرسا 2.22 دوللار، خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 15 يۈەن بولىدۇ.


    بۇ بىر نەچچە تال سەۋزىنىڭ باھاسى 3 مىليون بولىۋارغا يەتكەن.


    1 كىلوگىراملىق بۇ بىر خالتا گۈرۈچنىڭ باھاسى 2 مىليون 500 مىڭ بولىۋارغا يەتكەن.


    1 كىلوگىرام گۆشنىڭ باھاسى 9 مىليون 500 مىڭ بولىۋارغا يەتكەن.


    بۇ مەيدان كىرىزىس ھەرقايسى قاتلاملاردىن ئاددىي ۋېنېسۇئېلالىقلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ دۆلەتتە، %90كە يېقىن نوپۇس نامراتلىق ئىچىدە ياشايدۇ. يېرىمدىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ئاساسىي ئاشلىق ئېھتىياجىنى قامدىيالغۇدەك ئىقتىسادىي كىرىمى يوق. 2017-يىلى ئاچارچىلىق ئېغىرلاپ كەتكەنلىكتىن، %75كە يېقىن ئادەم ئوتتۇرىچە 8.7 كېلوگىرام ئۇرۇقلاپ كەتكەن. كۆپ قىسىم ئادەملەر ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇپ، نەچچە سائەت ساقلىغاندا ئاندىن يىمەكلىك سېتىۋالالىغان. بەكرەك نامرات ئادەملەر بولسا ياۋا مىۋە-كۆكتاتلار ياكى تاشلىۋېتىلگەن نەرسىلەر بىلەن ئاچلىقنى بېسىشقا مەجبۇر بولغان. ھەتتا كوچىلاردىكى سەرگەردان ئىت-مۈشۈك ۋە ئىشەكلەرمۇ ئاچارچىلىقتا قالغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇقىغا ئايلانغان. نۇرغۇن ئادەملەر جۈملىدىن قىزىل قانات قۇش، چوڭ چۈمۈلىخور دېگەندەك قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يىيىشكە باشلىغان. سۈرەتتە، ۋېنېسۇئېلالىق بۇ يىگىت كوچىدىكى ئەخلەت خالتىلىرى ئىچىدىن يېگۈدەك نەرسە ئىزدىمەكتە.

    نۇرغۇن ئادەملەر تاللا بازارلار ئالدىدا ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇشىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نەچچە سائەت ساقلاپمۇ يېمەكلىك سېتىۋالالىشى ناتايىن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى