• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ھازىرقى ياشلار نېمە ئۈچۈن مال سېتىۋالغاندا باھا تالاشمايدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:02 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىقتىساد بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان مۇھىتتا ياشلارنىڭ قولىدىكى ئەركىن ئىشلىتىشكە بولىدىغان پۇل ئاتا-ئانىسى ياش ۋاقتىدىكىدىن خېلىلا كۆپەيدى. ئەمما ئۇلار باھا تالىشىشتەك ئىستېمال ئادىتىنى ياقتۇرمايدۇ، چوڭلار بولسا ياشلار ئىستېمالدا بەكلا بەتخەج بولۇپ كەتتى، دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە ھازىرقى ياشلارنىڭ نەرسە سېتىۋېلىشتا باھا تالاشماسلىقىنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:

    بىرىنچى، چىقىم قىلىش ۋاستىسى، ئىستېمال يولى كۆپ خىللىشىپ، باھا تالىشىش زۆرۈرىيىتى ئازلىدى.

    ئۈندىدار، ئەلى چىقىمدانى قاتارلىق چىقىم قىلىش ۋاستىلىرى تەدرىجىي ھالدا قەغەز پۇلنىڭ ئورنىنى ئالدى، ياشلار چىقىم قىلغان ۋاقىتتا ئۈستىدىكى پارچە پۇللار ئۈچۈن سودىگەر بىلەن باھا تالىشىپ ئولتۇرمايدىغان بولدى.

    چىقىم قىلىشتىكى قولايلىقلىق دەل ياشلارنىڭ باھا تالىشىشتىن ۋاز كېچىشىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى.


    ياشلار توردا نەرسە سېتىۋېلىشنى بەكرەك ياقتۇرىدۇ، ئەمەلىي ئىستېمال قىلغان ۋاقىتتا بولسا كۆپىنچە باھاسى ئېنىق چاپلانغان مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا ئىستېمال قىلىدۇ، بازار باھاسى بىرتۇتاش ئاشكارە قىلىنغان ئەھۋالدا ياشلارنىڭ باھا تالىشىش زۆرۈرىيىتى قاممىدى.


    ئىككىنچى، «ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ، يۈزىنى ئاياپ» باھا تالاشمايدۇ

    ئىستېمال جەريانىدا ياشلار قانداق نەرسە قايسى باھادا بولسا مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ كەتمەيدۇ. باھانى قانچىلىك تالاشسا بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ.

    دەڭسەپ كۆرسەك، «باھا يۇقىرى بولغاندا ئالماي كېتىپ قېلىش، باھا قوبۇل قىلغۇدەك دائىرىدە بولسا بىۋاستە سېتىۋېلىش»تەك مال سېتىۋېلىش پىرىنسىپى ئاستىدا «باھا تالىشىش» ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولۇپلا قالماي، بىر خىل قولاي مال سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

    يۈزىنى ئاياشمۇ ياشلارنىڭ باھا تالاشماسلىقىدىكى بىر سەۋەب.

    ئەتراپىدىكى دوستلىرى مال سېتىۋالغاندا سېخىيلىق قىلسا، ئۆزى سودىگەر بىلەن ھەمىشە موچەن تالىشىپ يۈرسە سەت تۇرمامدۇ؟ مانا بۇ ياشلارنىڭ ئىدىيەسى. ئۇلار بۇنداق قىلسا ئوڭايسىزلىنىپلا قالماي كىشىلەرگە پىخسىقتەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزىنى «سېخىي» كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ.


    ئۈچىنچى، ئوخشىمىغان ئائىلىدە ئوخشىمىغان ئىستېمال قارىشى يېتىلىدۇ

    بىر ياشنىڭ ئىستېمال قارىشى يەنىلا ئائىلىدە يېتىلىدۇ. ئائىلىسى باي ياشلار نەرسە سېتىۋالغاندا سېخىي بولىدۇ، ئاساسەن باھا تالاشمايدۇ. ئەمما ئائىلىسى نامرات ياشلار نەرسە سېتىۋالغاندا باھا تالىشىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمما ئائىلە باي-نامراتلىق پەرقىدىن باشقا ياشلار پۇل خەجلىگەن ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىلارغا بەرگەن ئىستېمال تەربىيەسىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    ياشلار ئاتا-ئانىسى پۇل تاپقان ۋاقىتتىكى جاپاسىنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا پۇل خەجلىگەن ۋاقىتتا ئۆزى بىلگەنچە خەجلەيدۇ.

    خۇلاسىلىگەندە، مەيلى جەمئىيەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ياشلارنىڭ باھا تالىشىشنى ياقتۇرماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسۇن ياكى قەلبىدىكى مەغرۇرلۇق ۋە يۈز ئاياش بولسۇن ۋە ياكى ئائىلە تەربىيەسىنىڭ تەسىرى بولسۇن ھەمىسى ياشلارنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى.

    ئۇلار ھامان پۇل خەجلەش ئۈچۈن ئۆزى پۇل تېپىشى كېرەك، ئۇلار پۇل تېپىشنىڭ ئوڭاي ئەمەسلىكىنى چۈشەنگەن ۋاقىتتا، باھا تالىشىش ياكى تالاشماسلىق ھەققىدە كۆڭلىگە ئۆزىگە تەۋە جاۋاب شەكىللىنىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى