• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى چاغانغا قىزغىن تەييارلىق ‏قىلماقتا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 00:01 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلىدەن كەنتى ئاھالىلىرى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى فۇجيەن شىۋىسىدە ئېيتىلىدىغان «تىرىشقاندىلا يەڭگىلى بولىدۇ» دېگەن ناخشىنى ئېيتىشنى مەشىق قىلماقتا.

      شىنخۇا تورى خەۋىرى. چاغاننىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلىدەن كەنتىدە بايرام كەيپىياتى بارغانچە قويۇقلاشتى. كەنتتىكى «ئەدەبىيات-سەنئەت داڭلىق شەخسلىرى» بىر مەيدان كەنت دەرىجىلىك چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، قىپقىزىل پانۇسلار كوچا ـ كويلارغا ئېسىلىپ، خۇشال بايرام كەيپىياتى ئەكس ئەتكەنىدى.

      ئەرشىلىدەن كەنتى ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ قاتارلىق كۆپ مىللەت ئاھالىلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەنت، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنتتە زور ياخشى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، ئارقىدا قالغان بۇ كەنت «بىردىنلا ئۆزگىرىپ» نەمۇنە كەنتكە ئايلاندى. يوللارغا ئاسفالىت ياتقۇزۇلدى، مەدەنىيەت كارىدورى ياسالدى، ھەمراھ زاۋۇتلار ماكانلاشتى، ھەتتا، كەنت ئاھالىلىرى ياقىدىغان نانمۇ داڭلىق تاۋار قىلىنىپ، سىرتلارغا سېتىلدى. بايراملاردا، كەنت ئاھالىلىرى جۇۋاۋا تۈگۈپ، پولو ئېتىپ يەپ، شوخ مەشرەپكە چۈشىدۇ، جىڭجۈ تىياتىرى ئېيتىدۇ، يېقىندىن بۇيان، ناخشا ئېيتىشقا ئامراق بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كادىرلىرىنىڭ تەسىرىدە فۇجيەن شىۋىسىدە ئېيتىلىدىغان ناخشىلارنىمۇ خېلى ياخشى ئېيتىدىغان بولدى. (ۋاڭ فېي فوتوسى)

    1-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئۇسسۇل كىيىمى كىيىۋالغان كەنت ئاھالىسى كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىگە رېپېتىتسىيە قىلىش ئۈچۈن ماڭدى.





    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى