• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچىدە ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرتكەندە «چوڭ دەپتەر» بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 00:00 26-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مۇخبىرىمىز ليۇ شىن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ دەن خەۋىرى: يېقىنقى مەزگىللەردە، تەكشۈرۈش پونكىتىغا بېرىپ ئاپتوموبىلىنى يىللىق تەكشۈرتمەكچى بولغان نۇرغۇن شوپۇر باشقىلاردىن «يىللىق تەكشۈرتۈشتە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى بىللە ئېلىپ كېلىش كېرەككەن، ئۇنداق بولمىغاندا ئاپتوموبىلىنى يىللىق تەكشۈرتۈش قىلغىلى بولمايدىكەن» دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان. بۇنىڭغا قارىتا ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارماقلىرى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرتۈش قىلغاندا شوپۇرلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى تەمىنلىمىسىمۇ، پەقەت كىملىكى، يۈرۈش گۇۋاھنامىسى، قاتناش ۋاسىتىسىنى مەجبۇرىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش تالونىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تەمىنلىسىلا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

    مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاي كىرىشى بىلەن ئاپتوموبىللارنى يىللىق تەكشۈرۈش بېسىق مەزگىلگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىن يىللىق تەكشۈرتۈشتە «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى» بىلەن تەمىنلەش كېرەكمۇ - يوق؟ توغرىسىدا مەسلىھەت سورايدىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولغان. قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېرفان تاشقىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسىدا ئاپتوموبىلنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرلىرى ۋە تېخنىكىلىق پارامېتىرى بار، ئادەتتە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئۆزگەرتىش، يېشىم رەنە كەسپىنى بېجىرگەندە ئاپتوموبىل ئىگىسى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى» بىلەن تەمىنلىشى كېرەك، باشقا كەسپلەرنى بېجىرگەندە بۇ گۇۋاھنامە بىلەن تەمىنلىمىسىمۇ بولىدۇ. يەنى، ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرتىش قىلغاندا «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى» ئىشلىتىلمەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، شوپۇرلار موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى يىللىق تەكشۈرتۈش قىلغاندا، ئەگەر موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى تەكشۈرۈش پونكىتى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى تىزىملاش گۇۋاھنامىسى»نى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلسا، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ نازارەت قىلىش تېلېفون نومۇرىغا تېلېفون قىلىپ ئەرز قىلسا بولىدۇ، ئەرز قىلىش تېلېفون نومۇرى 3130232-0991.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    بەخىت دوختۇر خانىسى