• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    ئۇلۇنگۇر كۆلىدە قىشلىق بېلىق تۇتۇش باشلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 23:58 25-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مۇخبىرىمىز چۈ يۈەنيۈەن، چىن پېڭ خەۋىرى: قىش ئايلىرىنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسىدا ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ يۈزىنى قېلىن مۇز تۇتقاندا بۇ جايدا يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى باشلىنىدۇ: كۆلىمى 1035 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇلۇنگۇر كۆلىنىڭ مۇز قاتقان يۈزىدە بېلىق تۇتۇشتىن ئىبارەت بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتىنى كىشىلەر «قار دەسسەپ بېلىق ئىزدەش» دېيىشىدۇ.

      دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى «قار دەسسەپ بېلىق ئىزدەش» تىكى كاتتا كۆرۈنۈشلەردىن ھۇزۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن، 2019-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، شىنجاڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ 2018—2019-يىللىق ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

      ئىگىلىنىشىچە، 2018—2019-يىلى قىشتا ئالتاي ۋىلايىتى قىشلىق ساياھەتتە «تۆت رايون بىر بەلباغ» قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، قىشلىق ساياھەت يادرولۇق مەھسۇلاتى بەرپا قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بۇرۇلتوقاي ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش پائالىيىتىمۇ «تۆت رايون بىر بەلباغ» ئىچىدىكى مۇھىم پائالىيەت بولۇپ قالغان. ساياھەتچىلەر ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش مەدەنىيەت-ساياھەت پائالىيىتى مەزگىلىدە بۇرۇلتوقايغا كەلسە، ئۇلۇنگۇر كۆلى قىشلىق بېلىق تۇتۇش ئۆرپ-ئادەت چۈشىنىش رايونىنىڭ ساياھەتتىكى جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بېلىق زىياپىتى قاتارلىق ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەكلەرگە ئېغىز تېگەلەيدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى