• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • راسداۋا
  • ئەركىن
  • پۇتۇن

    NASA «لۇسى» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى يەتتە كىچىك سەييارىنى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ

    مەنبە : uy.ts.cn
    يوللانغان ۋاقىت : 23:48 25-01-2019
    تەھرىر : توغراق
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «لۇسى» يۇپىتېر ئەتراپىدىكى تىرويان كىچىك سەييارىلەر توپىنى زىيارەت قىلىدۇ. (سەنئەتلىك سۈرەت، سۈرەتنى ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى تورى تەمىنلىگەن)

    «لۇسى» 2021-يىلى 10-ئايدا ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە مۇددىتى 12 ئاي بولغان سەپىرىنى باشلايدۇ. سەپەر جەريانىدا ئۇ كىچىك سەييارىلەر بەلبېغى ئىچىدىكى بىر ئاسمان جىسىمى بىلەن تىرويان كىچىك سەييارىلەر توپىدىكى ئالتە ئاسمان جىسىمىنى زىيارەت قىلىپ ئۆتىدۇ. تىرويان كىچىك سەييارىلەر توپى يۇپىتېر بىلەن بىر ئوربېتىدا بولۇپ، قۇياشنى بويلاپ بىللە ئايلىنىدىغان بىر توپ كىچىك سەييارىلەردۇر. «لۇسى» ۋەزىپىسىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى خال لېۋىسون مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ۋەزىپە ئىزچىل قۇرۇق گەپ ئىدى، ھازىر بىز ھەقىقىي ئىش باشلاپ، بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدۇق».

    سەپەر جەريانىدا «لۇسى» قۇياش سىستېمىسى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان جايلاردىن ئۆتىدىكەن. ئالدى بىلەن، 2025-يىلى «لۇسى» مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىدىكى كىچىك سەييارىلەر بەلبېغىدا توختاپ، ئاندىن داۋاملىق يۇپىتېر تەرەپكە يۈرۈش قىلىدىكەن، 2027-2033-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «لۇسى» ئالتە كىچىك سەييارىنى يانداپ ئۇچىدىكەن، بۇلار ئوخشىمىغان تۈردىكى ئۈچ كىچىك سەييارە بىلەن ئۆزئارا ئايلىنىدىغان ئىككى كىچىك سەييارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    ئەگەر «لۇسى» مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلسە، ئۇ NASAنىڭ كىچىك سەييارىلەرنى تەكشۈرۈش جەمەتىنىڭ بىر يېڭى ئەزاسىغا ئايلىنىدىكەن. بۇ جەمەتنىڭ ئەزالىرى ئەمدىلا ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، سېرېرا ۋە ۋېستانى تەكشۈرگەن «تاڭ سەھەر» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن «بېنو» ناملىق كىچىك سەييارىگە ئەمدىلا يېتىپ بارغان تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى