• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئامىر خاننىڭ يېڭى كىنوسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى مەبلەغ سالغۇچىلارنى تۆلەم تەلەپ قىلغۇزدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:37 23-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    بەزى كىنولار بوللىۋودتىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ، يەنە بەزىلىرى بېلەت كىرىم جەھەتتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ، بەزىدە كىنولارمۇ بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىدۇ. كىنو قويۇلغاندىن كېيىن، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاكتىپ تەسىر قوزغىيالمىسا، ئۇنداقتا كۆرۈرمەنلەرگىمۇ تەسىر قىلالمايدۇ، شۇنداقلا كۆرۈرمەنلەر ئارىسىدا تارقىلالمىسا بۇ كىنونىڭ ياخشى كۆرۈلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، Yash Raj Films فىلىم ئىشلەش شىركىتى ئىشلىگەن «ھىندىستان قاراقچىلىرى» (印度暴徒) دەل مۇشۇنداق كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلمىگەن كىنولارنىڭ بىرى.

    «ھىندىستان قاراقچىلىرى» 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ھىندىستاندا قويۇلدى ھەمدە ئامىر خان ۋە ئامىتاب باچچاندىن ئىبارەت بوللىۋودتىكى مەشھۇر چولپانلار باش رول ئالغان. بۇ كىنو قويۇلۇشتىن ئىلگىرى كىنو تارىخىدىكى كاتتا ئەسەرگە ئايلىنىدۇ دېيىلگەن بولۇپ، لېكىن قويۇلغاندىن كېيىن كۆرۈرمەنلەر قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قوزغىيالمىغان. كىنونىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىشىدا ئەڭ چوڭ زىيانغا ئۇچرايدىغىنى كىنوغا مەبلەغ سالغۇچى ۋە كىنوخانا تىجارەتچىلىرى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە كىنوخانا تىجارەتچىلىرى Yash Raj Films فىلىم ئىشلەش شىركىتىدىن تۆلەم تەلەپ قىلغان بولۇپ، بۇ ئامىر خاننىڭ ئارتىسلىق ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى