• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ قالتىس نۇقتا توپ ماھىرى كىم؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:27 23-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن OPTA بىرلىكتە بىر تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتنى سىتاتىستىكىلاپ چىققان بولۇپ، 1992-يىلى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ بىرلەشمىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر نۇقتا توپ ماھىرىنى تاللاپ چىققان، ئاخىرىدا فرانسىيەلىك توپچى كانتونا بۇ ئاتاققا ئېرىشكەن.

    كانتونا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى بەش يىللىق ھاياتىدا 16 قېتىم نۇقتا توپ تەپكەن بولۇپ، پەقەت ئىككى قېتىمدىلا كىرگۈزەلمىگەن، مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىش نىسبىتى %87.5كە يەتكەن.

    كانتونانىڭ ئارقىسىدا تۇرغىنى كىرىستىيانو رونالدو بولۇپ، ئۇمۇ ئىككى قېتىملا كىرگۈزەلمىگەن، قالغان 13 قېتىمدا تولۇق كىرگۈزگەن، نۇقتا توپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىش نىسبىتى %84.6كە يەتكەن.

    ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغىنى ۋان نىستېلروي بولۇپ، ئۇ 22 قېتىم نۇقتا توپ تېپىپ تۆت قېتىم كىرگۈزەلمىگەن، كىرىش نىسبىتىمۇ %81.8 بولغان. ۋان نىستېلروينىڭ كەتكۈزۈپ قويغان نۇقتا توپلىرى ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى 2003-يىلىدىكى 0:0 نەتىجىدە ئارسېنال بىلەن تەڭلىشىپ قالغان مۇسابىقە بولۇپ، ئۇ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى بىر مىنۇتىدا نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىگەن، ئارسېنالمۇ ئۇتتۇرماي بىرلەشمە چېمپىيونى بولالىغان.

    دېننىس ئىرۋىن توققۇز قېتىم نۇقتا توپ تېپىپ يەتتە قېتىمدا كىرگۈزگەن، كىرىش نىسبىتى %77.8كە يەتكەن، ۋان پېرسىنىڭ كىرىس نىسبىتى %75كە، رونېينىڭ %71.4كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۆت قېتىم ياكى تۆت قېتىمدىن ئاز تەپكەن توپچىلار ئىچىدە ساخا تۆت قېتىم نۇقتا توپ تېپىپ ھەممىسىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، كىرىش نىسبىتى %100كە يەتكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى