• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سۇسو AC مىلان بىلەن توختام ئۇزارتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:25 23-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۇسو ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى قارار قىلغان.

    سۇسو ھازىر خانلىق مادرىد، چېلسى، مادرىد ئاتلېتكا قاتارلىق كوماندىلارنىڭ نىشانىغا ئايلاندى، «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ باشقا كوماندىلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان، ئۇ پەقەت AC مىلان بىلەن توختام ئۇزارتىشنىلا خالايدىكەن.

    AC مىلاننىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلىرى بىلەن مالدىنى سۇسونىڭ توختامىدىكى 40 مىليون ياۋرولۇق توختامغا خىلاپلىق قىلىش ماددىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ياكى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ ماددا ھەم پەقەت چەتئەل كوماندىلىرىغا كۈچكە ئىگەن.

    سۇسو شۇ جاي ۋاقتى 19-نويابر ئۆزىنىڭ 25 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى، ئۇ 2015-يىلى قىشلىق يۆتكىلىش مەزگىلىدە لىۋېرپولدىن AC مىلانغا قوشۇلغان.

    يان ھۇجۇمچى ئورنىنى ئوينايدىغان سۇسو بۇ پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 12 قېتىم مەيدانغا چىقىپ تۆت توپ كىرگۈزگەن ھەم سەككىز قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى