• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گۇاردىئولا: كەلگۈسىدە دۆلەت كوماندىسىغا ترېنېر بولغۇم بار

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:23 23-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مانچېستېر شەھىرىنىڭ ترېنېرى گۇاردىئولا لىۋېرپول ئىنىستىتۇتىدا نوتۇق سۆزلىگەن چېغىدا، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانى توغرىسىدا توختالدى ھەم ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە دۆلەت كوماندىسىغا ترېنېر بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    ئۇ مۇنداق دېدى :«مەن مەلۇم بىر كوماندىنىڭ ترېنېرى بولۇشنى خالايمەن، بۇ ئىش ھامان بىر كۈنى يۈز بېرىدۇ، چۈنكى مەن ھەر ئۈچ كۈندە بىر قېتىم بۇ ئىشنى ئويلايمەن، بۇرۇن ئانچە-مۇنچە گولف توپ ئوينايتىم، ھازىر ۋاقىت چىقمايدۇ، ئەگەر مەلۇم بىر دۆلەت كوماندىسىغا ترېنېر بولۇش پۇرسىتى كەلسە چوقۇم ئويلىشىمەن.»

    گۇاردىئولا ئوخشىمىغان مۇھىتتا ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان ترېنېر، شۇڭا ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن پۇتبول ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدا ھەممە يەرگە بېرىشنى خالايمەن،مەن مېكسىكىدا ۋە قاتار قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرمۇش كەچۈرۈپ باققان، بىر ترېنېر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىلگىرى گېرمانىيەدە تۇرغان، مەن ئىلگىرى گېرمان تىلى ئۆگەنگەن چېغىمدە ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى پەقەتلا چۈشەنمەيتتىم، ئائىلەمدىكىلەرمۇ بىر ئېغىز ئىنگلىز تىلى چۈشەنمەيتى، بىراق ھازىر ئۇلار ياخشى سۆزلەيدۇ، ساياھەت كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدىغان ئىش، مەن كىشىلەرنى ۋە كوماندامدىكى توپچىلارنى ساياھەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىمەن، سىزدە مەڭگۈ بىر ئىشقا بولغان قىزغىنلىق بولۇشى كېرەك، پۇتبول ھاياتىمىز ناھايىتى قىسقا، شۇڭا سىز ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا تۈنۈگۈنكى بىر كۈننىڭ ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى