• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئالما شىركىتى iPhone Xنى قايتىدىن ئىشلەپچىقارماقچى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:21 23-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    iPhone X تارىختىن بۇيانقى ئۆمرى ئەڭ قىسقا ئالما يانفونى، ئالما بۇ يىل 9-ئايدا iPhone XS يۈرۈشلۈكىنى ئېلان قىلىپ، i iPhone Xنى بازاردىن چېكىندۈرگەن. ئەمما ئەڭ يېڭى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى قىسمەن دۆلەتلەردە كونا نۇسخىدىكى بۇ ئالما يانفونىنى قايتا بازارغا سالىدىكەن، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ يېڭى نۇسخىدىكى iPhoneنىڭ سېتىلىشى ياخشى بولمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

    ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى iPhone Xنى قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىدىكەن، بۇنىڭدىكى «قىسمەن سەۋەب» سامسۇڭ OLED ئېكرانىنى تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

    سامسۇڭ بىلەن تۈزگەن توختام مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتى سامسۇڭدىن بەلگىلىك مىقداردا OLED ئېكران تاختىسى زاكاز قىلغان، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە iPhone XS ۋە XS Maxنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ مۆلچەرىدەك بولمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. ئەڭ يېڭى دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئالما شىركىتى iPhone XS ۋە iPhone XRنىڭ زاكاس مىقدارىنى كېمەيتكەن.

    ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئالما شىركىتى شۇ جايدىكى خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىگە تولۇقلىما بېرىش ئارقىلىق ياپونىيەدە iPhone XRنىڭ باھاسىنى چۈشۈرىدىكەن، ئەڭ تېز بولغاندا كېلەر ھەپتە باھانى رەسمىي چۈشۈرىدىكەن. ئەمما ئالما شىركىتى iPhone Xنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا قايتا بازارغا سالىدىغان-سالمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

    ئالما شىركىتى ئەگەر iPhone Xنى قايتا بازارغا سالسا، ئۇنداقتا باھاسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا نۇرغۇن ئادەم قىزىقىدۇ، چۈنكى بۇ يانفوننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باھاسى iPhone XRدىن قىممەت ئىدى، ئەگەر iPhone XRنىڭ سېتىلىش مىقدارى راستىنلا ياخشى بولمىسا، ئۇنداقتا ئىستېمالچىلار نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ پۇل خەجلەپ بىر يىل بۇرۇنقى كونا نۇسخىدىكى يانفوننى سېتىۋالسۇن؟


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى