• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    نىسسان شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:14 23-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ لىدىرى كارلوس گوسن باجدىن قېچىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ زور سوممىدىكى ئىش ھەققىنى ئازلىتىپ مەلۇم قىلىپ، «پۇل-مۇئامىلە تاۋار سودىسى قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلغاچقا توكيو يەرلىك تەپتىش ئالاھىدە ئاختۇرۇش بۆلۈمى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. ئىگىلىنىشچە، گوسننىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا يوشۇرغان كىرىمى 5 مىليارد يىنغا يەتكەن (خەلق پۇلىدا تەخنىمەن 300 مىليون يۈەن).

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كارلوس گوسننىڭ ياپونىيە دۆلەتلىك باج ئىدارىسىغا ئازلىتىپ مەلۇم قىلغان مائاشى يەتتە خانلىق سانغا يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى «پۇل-مۇئامىلە تاۋار سودىسى قانۇنى» دىكى پايچېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ پايچەك دوكلاتىدا ساختا خاتىرە قالدۇرۇش ماددىسىغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، توكيو يەرلىك تەپتىش ئالاھىدە ئاختۇرۇش بۆلۈمى 19-چېسىلا كەچتە ئۇنى سوراپ تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئېلىپ كەتكەن، ئەگەر ئۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئۇنىڭغا مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەندىن باشقا، يەنە زو سوممىدىكى باج ۋە جەرىمانە ئېلىنىدىكەن.

    ياپونىيە كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توكيو يەرلىك تەپتىش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە ئاختۇرۇش بۆلۈمى «پۇل-مۇئامىلە تاۋار سودىسى قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن نىسسان شىركىتىنىڭ لىدىرى كارلوس گوسننى قولغا ئېلىش قارارىغا كەلگەن.

    ئۇزۇن ئۆتمەيلا، نىسسان شىركىتى جىددىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شىركەت مۇدىرىيىتىدىن گوسننى ئىشتىن بوشىتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: گوسن كوللېكتىپنىڭ پۇلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئېغىر قىلمىشلارنى سادىر قىلغاچقا، ئاۋۋال ئىچكى قىسىمدا پاش قىلىپ، كارلوس گوسننىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى نەچچە ئاي تەكشۈردۇق. نەتىجىدە گوسننىڭ ئاكسىيە دوكلاتىغا يازغان پۇل سوممىسىنىڭ ئۇنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەققىدىن ئازلىقى ئىسپاتلاندى.

    نىسسان شىركىتىنىڭ بۇ ئۇقتۇرۇشىدىن نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، مەسىلەن، ئۇلارنىڭ گوسننىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بۇرۇنلا بىلىپ بولغانلىقى دېگەندەك، بەزى تورداشلارنىڭ پەرىزىچە، «نىسسان شىركىتى ئۆزلىرى گوسننىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان»، قارىغاندا بۇ يىل ئاپتوموبىل ساھەسىدە يەنە بىر مەيدان ئويۇن چىققاندەك تۇرىدۇ! 2016 -يىلى، نىسسان شىركىتى «ئاۋۋال چېقىمچىلىق قىلىپ ئاندىن سېتىۋېلىش» ئويۇنىنى ئويناپ، مىتسۇبىشى شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭ چوڭ پايچىكىغا ئايلانغان بولۇپ، شۇ قېتىممۇ نىسسان شىركىتى مىتسۇبىشى شىركىتىنىڭ يېقىلغۇ ماي ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىدا ئويدۇرمىچلىق قىلغانلىقىنى پاش قىلىغان ئىدى، يەنە كېلىپ ئويدۇرمىچلىق قىلمىشى نىسسان بىلەن مىتسۇبىشى ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق تۈرىدە بايقالغان ئىدى.

    رېنائۇلت-نىسسان ئىتتىپاقىنى بىلىدىغان تورداشلارغا ئايانكى، گوسن ئۇلارنىڭ روھى تۈۋرۈكى ھېسابلىنىدۇ. «تەننەرخ قاتىلى» دەپ نام ئالغان گوسننىڭ رېنائۇلت-نىسسان ئىتتىپاقىدا ئۆتەۋاتقان نۇرغۇن ۋەزىپىلىرى بولۇپ، رېنائۇلت-نىسسان ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن باشقا، بۇ يىل 62 ياشقا كىرگەن گوسن يەنە فرانسىيە رېنائۇلت شىركىتىنىڭ CEOلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇ نىسسان ۋە مىتسۇبىشى ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ لېدىرى ئىدى. گوسنىڭ ئەڭ مەشھۇر تۆھپىسى دەل ئۇنىڭ نىسسان ئاپتوموبىلچىلىقىنى ھالات گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا قالدۇق ئادەم كۈچى ئېشىپ كېتىپ، تەننەرخ ياخشى كونترول قىلىنمىغاچقا، 1933-يىلى قۇرۇلغان ياپونىيەدىكى ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ بىرى بولغان نىسسان شىركىتى قىيىنچىلىققا پېتىپ قالغان ئىدى. 1991-يىلىدىن 1999-يىلغىچە نىسسان شىركىتىدە ئۇدا يەتتە يىل زىيان كۆرۈلۈپ، ۋەيران بولالايلا دەپ قالغان ئىدى. 1993-يىلى 3-ئايدا رېنائۇلت شىركىتى مەبلەغ ياردىمى بېرىپ، نىسساننىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكىغا ئايلاندى، گوسن قوشۇنىنى يېتەكلەپ «نىسساننى گۈللەندۈرۈش پىلانى» نى ئىجرا قىلىپ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. 1999-يىلى 5-ئايدا، رېنائۇلت شىركىتى 5 مىليارد 200 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ نىسسان شىركىتىنى سېتىۋالدى، گوسن نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتىگە CEO بولدى. 2017-يىلى 4-ئايدا گوسن CEO لىقتىن ئىستېپا بېرىپ، نىسسان شىركىتىنىڭ لىدىرلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى، خىروتو سايكاۋا CEO بولدى.

    گەپنىڭ قىسقىسى، گوسن بولمىغان بولسا، ھازىرقى نىسسانمۇ بولمايتى.

    خىروتو سايكاۋا تۈنۈگۈن كېچىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «گوسننىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرىغا ھەرگىز قويالمايمىز، 22-چېسىلادىكى مۇدىرىيەت يىغىنىدا تەستىق ئېلان قىلىپ باش لىدىر كارلوس گوسننى ئىشتىن بوشىتىمىز. بۇ ئىشقا كەلسەك، بۇنى پەقەت گوسن رەھبەرلىكىدىكى شىركىتىمىزنىڭ پاسسىپ تەرىپى دېيىش مۇۋاپىق».

    2017-يىلى رېنائۇلت-نىسسان-مىتسۇبىشى ئىتتىپاقىنىڭ يەر شارى بويىچە ئاپتوموبىل سېتىش مىقدارى 10 مىليون 610 مىڭغا يېتىپ، ۋولكسۋاگېن گۇرۇھىنىڭ 10 مىليون 741 مىڭ 500 دانە ئاپتومىل سېتىش سانىدىنلا كېيىن تۇردى، تويوتا گۇرۇھىنىڭ 10 مىليون 386 مىڭ دانە ئاپتوموبىل سېتىش سانىدىن ئېشىپ كەتتى.

    نىسسان شىركىتىنىڭ دۆلىتىمىزدە دوڭفېڭ نىسسان ھەمكارلىق شىركىتى ۋە جېڭجوۋ نىسسان ھەمكارلىق شىركىتى بار. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا خۇاچېن-رېنائۇلت-جىنبېي ھەمكارلىق شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى، شۇ چاغدا گوسن لىدىرلىق سالاھىيىتى بىلەن شىركەت قۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى.

    بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىدا، ئاۋدى شىركىتىنىڭ سابىق CEO سى ستادلېر «بۇلغىما قويۇپ بېرىشكە ئالاقىدار ئىسپات ئالدامچىلىقى» سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ۋولكسۋاگېن گۇرۇھىدىكى كەسپىي ھاياتىنى رەسمىي ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى. ئۇنداقتا، شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن گوسن بۇ قېتىملىق ۋەقەدە مۇشۇنداقلا «موللاق» ئاتارمۇ؟


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى