• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تايلاندلىق 13 ياشلىق بالا بوكس مۇسابىقىسىدە ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:14 14-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    تايلاندلىق بىر 13 ياشلىق بالا مۇشتىغا تايىنىپ پۇل تېپىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغان. لېكىن، يېقىندا ئۇ بىر مەيدان بوكس مۇسابىقىسىدە رەقىبىدىن قاتتىق مۇشت يەپ، باش قىسىمى ئېغىر يارىلانغاچقا، بەختكە قارشى قازا قىلغان.

    تايلاندتىن چىقىدىغان «دۇنيا گېزىتى»نىڭ 13-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە سامۇت پراكاندىكى 13 ياشلىق ئۆسمۈر بوكسچى ئەننوۋچات مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى بىر قېتىملىق تايلاند گۇمپىسى خەيرى-ساخاۋەت بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ۋاقىتتا، باش قىسمى بەش قېتىم قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ھەم رەقىبى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان.

    بۇ ئۆسمۈر ئارقىدىن يىقىلغان بولۇپ، بېشى يەنە يەرگە قاتتىق ئۇرۇلغان بولۇپ، نەق مەيداندا ھوشىدىن كەتكەن. تىز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا قاناش كۆپ بولغاچقا، ئاخىرىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

    مەلۇم بولۇشىچە، ئەننوۋچات كىچىكىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، 48 ياشلىق تاغىسى دەن سوڭ بىر قوللۇق چوڭ قىلغان، شۇڭا ئۇ تاغىسىغا بەكلا ۋاپادار ئىكەن.

    دەن سوڭنىڭ ئازابلانغان ھالدا دېيىشىچە، ئەننوۋچات بەك گەپ ئاڭلايدىغان بالا بولۇپ، سەككىز ياشقا كىرگەن يىلى بوكس مەيدانىغا كىرىپ، مۇسابىقە ھاياتىنى باشلىغان. بەش يىلدىن بۇيان، ئۇ جەمئىي 170 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، شۇنداقلا ئەننوۋچات بوكس مۇسابىقىسىدە تاپقان پۇلى بىلەن ئائىلىسىگە ياردەم قىلغان ۋە ئوقۇش پۇلى تاپشۇرغان.

    بۇ قېتىمقى ھادىسە تايلاند گۇمپىسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، بولۇپمۇ قۇرامىغا يەتمىگەن ئۆسمۈرلەر بوكسقا قاتناشسا بولامدۇ؟ دېگەن تېمىدا مۇنازىرە پەيدا بولغان.

    ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، تايلاند ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە بوكس قانۇن لايىھەسىنى ئاكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ، تۈزىتىۋاتقان بولۇپ، 12 ياشتىن تۆۋەن بولغان بالىلارنىڭ بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش مەنئى قىلىنىدىكەن. لېكىن، نۇرغۇن تايلاند گۇمپىسى ماھىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرغان. ئۇلار ئەگەر بۇ بەلگىلىمە يولغا قۇيۇلسا، نەچچە يۈز يىلدىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تايلاند گۇمپىسى مەدەنىيىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن نامرات ئائىلەنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى