• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كاسىللاسنىڭ كەتكۈزگەن توپ سانى ئىسپانىيە كوماندىسىدىكى ئۈچ قاپقىچىدىن ئاز

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:12 14-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىسپانىيەلىك مەشھۇر قاپقىچى كاسىللاس 2015-يىلىي يازدا خانلىق مادرىدتىن ئايرىلىپ پورتوغا قوشۇلدى، ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرلەشمىدە توپ كەتكۈزمىگەن مەيدان سانى دېھىيا،كېپا ۋە پاۋ لوپېز قاتارلىقلاردىن كۆپ بولۇپ، كەتكۈزگەن توپىمۇ ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ بۇ ئۈچ قاپقىچىسىدىن ئاز.

    37 ياشلىق كاسىللاسنىڭ 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، ئۇ پورتۇگالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى 10 مەيدان مۇسابىقىنىڭ يەتتە مەيدانىدا توپ كەتكۈزمىگەن ھەمدە پەقەت ئالتە توپ كەتكۈزگەن، پورتومۇ بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

    كاسىللاسنىڭ قالتىس ئىپادىسى مەستانىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ ئىسپانىيە كوماندىسىغا قايتىشى توغرىسىدىكى ئاۋازلارنى كۆپەيتكەن بولۇپ، ئۇ لوپېتېگۇ 2016-يىلى ئىسپانىيە كوماندىسىغا باش ترېنېر بولغاندىن كېيىن دۆلەت كوماندىسىغا كىرىپ باقمىغان، يېڭى باش ترېنېر ئېنرىكمۇ ئۇنى چاقىرتمىغان.

    ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ ھازىرقى ئۈچ قاپقىچىسى دېھىيا، كېپا ۋە پاۋ لوپېز بولۇپ، كاسىللاس سانلىق مەلۇمات جەھەتتە بۇ ئۈچ قاپقىچىدىن قالتىس. دېھىيا مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بارلىق بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە توپ كەتكۈزگەن ھەمدە كەتكۈزگەن توپى 21گە يەتكەن، كېپا چېلسىدا ئالتە مەيدان توپ كەتكۈزمىگەن بولۇپ، لېكىن سەككىز توپ كەتكۈزگەن، پاۋ لوپېزمۇ بەش مەيدان مۇسابىقىدە توپ كەتكۈزمىگەن، لېكىن 13 توپ كەتكۈزگەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى