• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يېڭى زېلاندىيەلىك غەۋۋاسلار ئۇزۇنلۇقى سەككىز مېتىرغا كېلىدىغان غەلىتە دېڭىز جانلىقىنى بايقىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:10 14-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    دېڭىز-ئوكيان دۇنياسى ئاجايىپ-غارايىپ بولۇپ، نۇرغۇن نامەلۇم دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى ياشايدۇ، بەزىلىرىگە ھەتتا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. مەسىلەن، يېقىندا ئىككى نەپەر غەۋۋاس يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن بىر خىل يېڭى تىپتىكى غايەت زور دېڭىز ئاستى جانلىقىنى تاسادىپىي بايقاپ قالغان، تورداشلار ئۇنى كۆرۈپ «بۇ قانداق نەرسە؟» دېيىشكەن.

    ئەنگلىيە قۇياش گېزىتىنىڭ 12-نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى زېلاندىيەلىك ئىككى نەپەر غەۋۋاس شىدېف ۋە ئاندرېۋ سۇ ئاستىدا سۈرەتكە ئېلىنغان فىلىمنى تورغا يوللىغان بولۇپ، ئۇلار تۇنجى قېتىم يېڭى زېلاندىيەنىڭ ۋايىت ئارىلىدىكى ۋاكارى يانار تېغى ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن 8 مېتىردىن ئاشىدىغان يېلىمسىمان دېڭىز ئاستى مەددە قۇرۇتىنى بايقىغان. ئۇنىڭ شەكلى غەلىتە بولۇپ، قارىماققا خۇددى بىر غايەت زور لىنتاغا ئوخشايدىكەن.

    سۇ ئاستىدا ياشايدىغان ناھايىتى ئۇزۇن، تۇرقى ئاجايىپ غەلىتە بۇ دېڭىز پارازىتى 10 مېتىر سۇ ئاستىدا 200 مېتىر يىراقلىققا ئاستا ئۈزگەن. ئۇنىڭ تېنى يېرىم سۈزۈك ھالەتتە بولۇپ، ئوتتۇرىسى كاۋاك ھالەتتە ئىكەن. شىدېف قاتارلىق كىشىلەر بۇ «دېڭىز ئالۋاستىسى»نىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈزگەن بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ئىنتايىن غەلىتە ئىكەن.

    شىدېفنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ دېڭىز مەددە قۇرتى كۆپ تۈكلۈك بوغۇم تەنلىك ھايۋان ئىكەن، بۇ ھال رەڭلىك دېڭىز مەددە قۇرۇتى نەچچە مىڭلىغان ئۇششاق يەككە تەنلىك دېڭىز مەددە قۇرۇتىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قۇرۇلمىسى ناھايىتى ئاجايىپ ئىكەن. شۇڭا ئۇ تېنىنى خالىغانچە ئۆزگەرتەلەيدىكەن. ئۇ ئۈزۈپ يۈرۈش جەريانىدا، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان شەكلى ھاسىل قىلغان بولۇپ، گاھىدا خۇددى ھال رەڭلىك ئۇزۇن بەلۋاغقا ئوخشىسا، گاھىدا خۇددى ئۇزۇن لېنتىغا ئوخشىغان.

    دېڭىز مەددە قۇرۇتى قارىماققا بىر قەدەر سىرلىق بولۇپ، بۇ خىل جانلىق ئاساسلىق لەيلىگۈچى جانلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ۋىيېت ئارىلى ئەتراپىدىكى سۇ رايونىدا مول لەيلىمە جانلىقلار بار بولۇپ،دېڭىز مەددە قۇرۇتى ئۈچۈن يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇڭا بۇ غەلىتە دېڭىز-ئوكيان جانلىقى شۇنداق چوڭ بولۇپ كەتكەن.

    غەۋۋاس ئاندرېۋنىڭ دېيىشىچە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىليونلىغان كىچىك تىپتىكى دېڭىز مەددە قۇرتلىرى ياشايدىكەن، لېكىن 8 مېتىردىن ئاشىدىغان ھال رەڭلىك دېڭىز مەددە قۇرتىنى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىكەن، ئۇ بۇنىڭدىن ھەم ھەيران قالغان ھەم بەك تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان. گەرچە، بەزىدە دېڭىز مەددە قۇرتلىرى بېلىق تورى ئارقىلىق تۇتۇلغان بولسىمۇ،لېكىن تېخى بۇنداق چوڭ دېڭىز مەددە قۇرۇت تۇتۇلغان خاتىرە يوق ئىكەن.

    مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دېڭىز مەددە قۇرتىنىڭ ئىنسانلارغا مۇئەييەن ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرى بولىدىكەن، لېكىن ئۇلارنىڭ بەدىنى چوڭ بولغاچقا، ھەرىكىتى تولىمۇ ئاستا ۋە غەلىتە بولىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ خىل مەخلۇقلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان ۋاقتىدا زىيادە ھودۇقۇپ كەتمەي، بەلگىلىك ئارىلىق ساقلىشى كېرەك.

    سۈرەتتە، ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىرغا يېتىدىغان دېڭىز مەددە قۇرىتى


    بۇنىڭدىن ئىلگىرى، غەۋۋاسلار ئاۋسترالىيەنىڭ تاسمانىيە ئارىلى دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدىن چوڭ تىپتىكى دېڭىز مەددە قۇرىتىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىرغا يېتىدىكەن. ئۇنىڭ يۇمشاق سىرتقى شەكلى قارىماققا خۇددى بىر پارچە ئۇزۇن پەيگە ئوخشايدىكەن.

    نۇرغۇن تورداش ۋېدىئونى كۆرگەندىن كېيىن، بەس-بەستە باھا يازغان. بەزىلەر ئۇنى «بۇ نەرسە پەقەت بىر تاشقى پىلانېت ئادىمىكەنغۇ؟» دېسە، يەنە بەزىلەر ئۇنى: «نېمىدېگەن چوڭ قۇرت.» دېگەن. يەنە بىر تورداش: «ھەر كۈنى يېڭى نەرسىلەرنى بىلىۋالىمەن، لېكىن بۇ نەرسە قارىماققا بەك غەلىتە ئىكەن.» دېگەن.

    يەنە بىر تورداش كۆپچىلىك ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ: «بۇ ئەبلەخنى يېگىلى بولامدۇ؟» دېگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى