• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «يەنشى سارىيىدىكى ئاياللار»دىكى ئارتىسلار بىرلىشىپ ئىشلىگەن «خاۋلەن قىسسىسى» قويۇشنى كېچىكتۈردى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:08 14-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «يەنشى سارىيىدىكى ئاياللار» تىياتىرى دۆلىتىمىزدە قويۇلغاندا تىياتىر كۆرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ تاماقتىن كېيىنكى ئۇششاق پاراڭ تېمىسىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغانىدى. فىلىم ئىشلىگۈچىلەر يەنە قايتا ھەمكارلىشىپ يېڭى تىياتىر «خاۋلەن قىسسىسى»(皓镧传) نى خەلق ھوزۇرىغا سۇنماقچى بولدى. ھېكايە ۋەقەلىكى يېغىلىق دەۋرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، ۋۇ جىنيەن مەزكۇر تىياتىردا ئايال باش رولنى ئالغان، ئۇ تىياتىردا جاۋ بەگلىكى تەپتىش بېگىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى لى خاۋلەن رولىنى ئالىدۇ، سودىگەر رولىنى ئالغان لۈ بۇۋېي ئۇنى سېتىۋېلىپ، ماۋ زىجۈن رولىنى ئالغان چىن بەگلىكىنىڭ شاھزادىسىگە ھەدىيە قىلىدۇ، كېيىن ئۇ چىن شىخۇاڭنى يەڭگىيدۇ. «خاۋلەن قىسسىسى» قويۇلماي تۇرۇپلا داغدۇغا قوزغىغانىدى.

    «خاۋلەن قىسسىسى» دا «يەنشى سارىيىدىكى ئاياللار» تىياتىرىدا رول ئالغان يەتتە ئارتىس قايتا ھەمكارلاشقان بولۇپ، ۋۇ جىنيەن بىلەن نېي يۈەن ھەمكارلىشىپ باش رول ئالغان، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى يۈكسەك دىققەت ئېتىبار قوزغىغانىدى. تىياتىر ئىشلىگۈچى تەرەپ ئەسلىدە مەزكۇر تىياتىرنى 15-يانۋاردىن باشلاپ ئەيچىيى تورىدا قويماقچى بولغانىدى، دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە ھەر كۈنى ئىككى قىسىم يېڭىلانماقچى بولغان، بىراق قويۇش ۋاقتىنى تەڭشىگەنلىكتىن ۋاقتىنچە مەزكۇر تىياتىر قويۇلمايدىكەن، قويۇلۇش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن، 13-يانۋار ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

    «خاۋلەن قىسسىسى» تىياتىرىنىڭ ۋەقەلىكى يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قوزغاپلا قالماستىن يەنە، ئارتىسلار سېپىمۇ زور تەقەززالىق قوزغاشقا سەۋەب بولغان. مەزكۇر تىياتىردا كۆرۈرمەنلەر «يەنشى سارىيىدىكى ئاياللار» تىياتىرىدا ئاغۋات رولىنى ئالغان يۈەن چۈنۋاڭ، گاۋ شاھبانۇ، كېنىزەك قىز مىڭيۈ، يۈ بانۇ ۋە چيەنلوڭ خاننىڭ خاس مەھرەم بېگى لى يۈ، ۋېي يىڭلونىڭ ھەقەمسايىسى كەشتىچى قىز جىشياڭ شۇنداقلا كېيىنكى سادىق چاكار شياۋ چۈەنزى قاتارلىق ئارتىسلارنى ۋېي يىڭلو ۋە چيەنلوڭ خان بىلەن بىرلىكتە قايتا كۆرەلەيدۇ. مەزكۇر تىياتىر 63 قىسىم بولۇپ، ھەر بىر قىسمى 60 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى