• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مورىنھو 370 مىليون فوندستېرلىڭ سەرپ قىلغان توپچىلىرىنى ئىشلەتمىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:04 14-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ياخشى ئەمەس، كۆپلىگەن كىشىلەر كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا مورىنھونى يېتەرلىك قوللىمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە ھەمدە مورىنھو قوشۇۋالماقچى بولغان توپچىلارنى قوشۇۋالمىغانلىقىدىن نارازى بولماقتا. «قۇياش گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مورىنھونىڭ يۆتكىلىش بازىرىدىكى سىياسىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئۇ مانچېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرغان مۇسابىقىدە 370 مىليون فوندستېرلىڭ سەرپ قىلىپ قوشۇۋالغان توپچىلىرىنىڭ ئىچىدىكى پەقەت ئىككى توپچىنىلا ئاساسلىق ئەزا قىلغان.

    «قۇياش گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مورىنھو مانچېستېر بىرلەشمىسىگە باش ترېنېر بولغاندىن كېيىن يۆتكىلىش بازىرىدا 370 مىليون فوندستېرلىڭ سەرپ قىلغان بولۇپ، لېكىن ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىكى مانچېستېر شەھىرى بىلەن ئوينىغان مانچېستېر دېربىيسىدا پەقەت لىندېلوف ۋە ماتىچنىلا ئاساسلىق ئەزا قىلغان، پوگبانىڭ يارىلانغانلىقىدىن باشقا، سانچېز، بايلېي، لۇكاكۇ، فرېد قاتارلىق ئۆزى قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان توپچىلارنى ئاساسلىق ئەزا قىلمىغان.

    مورىنھو ھازىرغىچە مانچېستېر بىرلەشمىسىنى رەتلەپ بولالمىغان، ئۇ مانچېستېر شەھىرى بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە بۇ يىل يازدا يۇقىرى باھا بىلەن قوشۇۋالغان فرېدقا پۇرسەت بەرمىگەن، ئۇنىڭ شۇنچىلىك كۆپ پۇل خەجلەپ قوشۇۋالغان توپچىلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى مەستانىلەرنىمۇ ھەيران قالدۇرغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىنىڭ توپچى سېتىۋېلىشتا ئۇنى قوللىماسلىقىدىكى سەۋەبنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

    خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مانچېستېر دېربىيسىدا فېرگۇسون سېتىۋالغان ئۈچ توپچى (دېھىيا، ياڭ ۋە سىمولىن)، مويېس سېتىۋالغان بىر توپچى (فېللەينى)، ۋانگال سېتىۋالغان ئۈچ توپچى (لۇك شاۋ، ھېررېرا، مارشال) ۋە مورىنھو سېتىۋالغان ئىككى توپچى (ماتىچ، لىندېلوف) ئاساسلىق ئەزا بولغان، راشفورد بىلەن لىنگارد مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر سىستېمىسىدىن چىققان.

    مورىنھوغا سېلىشتۇرغاندا، گۇاردىئولامۇ پۇل خەجلەشتە نامى چىققان، ئۇ مانچېستېر شەھىرىگە باش ترېنېر بولغاندىن كېيىن 500 مىليون فوندستېرلىڭ سەرپ قىلىپ توپچى قوشۇۋالغان بولۇپ،لېكىن ئۇنىڭ يۆتكىلىش سىياسىتى ۋاقتىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلغان، مەيلى ئاساسلىق ئەزالار بولسۇن ياكى زاپاس ئەزالار بولسۇن، شۇنداقلا كوماندا تاكتىكىسى بولسۇن، گۇاردىئولا يېتەكچىلىكىدىكى مانچېستېر شەھىرى كىشىگە يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلماقتا. «قۇياش گېزىتى»نىڭ كۆرسىتىشچە، مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ يۆتكىلىش ئىشلىرى قالايمىقانلاشقان بولۇپ، پەقەت مورىنھو ئىشتىن بوشىتىلغاندىلا ئەسلىگە كېلىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى