• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئالما شىركىتى ئىشلەپچىقارغان يېڭى iPad Proنى قانداق ئېتىپ ئېچىشنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:00 14-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    10-ئاي ئاخىرىدىكى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالما شىركىتى بىر قېتىمدىلا ئىككى نۇسخا تولۇق ئېكرانلىق iPad Pro يېڭى مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلدى، A12Xدىن باشقا يەنە، ئەڭ يۇقىرى 6GB، راۋان يۈرۈشىدىغان تولۇق نۇسخىدىكى Photoshop قاتارلىقلار ئىستېمالچىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەندىن سىرت، ئەڭ يىڭى iPad Pro يەنە ئەسلىدىكى Home كۇنۇپكىسى ۋە نائۇشتىك تۆشۈكىنى يوق قىلىپ، USB_C قاتارلىقلارغا ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى قوللىنىلدى.

    Home كۇنۇپكىسىنىڭ يوقىشىغا ئەگىشىپ، iPad تىكى «ئەجدادلاردىن مىراس قالغان» بەزى مەشغۇلات ئۇسۇللىرى ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، كۆپچىلىك يېڭى نۇسخىدىكى iPad Proنىڭ ئىقتىدارىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ، ئۇنىڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش قورالىغا ئايلىنىش ئىمكانىيىتىنىڭ بار-يوقلىقىنى مۇنازىرە قىلىشىۋاتقاندا، بەلكىم سىز ھەتتا iPad Proنى ئېچىش، قايتا قوزغىتىش، رەسىم كېسىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنىمۇ بىلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن.

    يېڭى نۇسخىدىكى iPad Proنى ئەتمەكچى بولغىنىڭىزدا توك مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن خالىغان ئاۋاز تەڭشەش كۇنۇپكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۇزۇنغىچە بېسىپ تۇرسىڭىز ئاندىن ئېتىش مەشغۇلاتى قىلىدىغان سىيرىلما بۆلەكنى كۆرەلەيسىز، توك مەنبە كۇنۇپكىسىنىلا بېسىپ تۇرىۋالسىڭىز Siriنىلا ئاچالايسىز قايتا قوزغاتماقچى بولغىنىڭىزدا ئاۋال ئاۋاز كۆتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى، ئاندىن ئاۋال ئاۋاز پەسەيتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئېكراندا ئالما لوگوسى كۆرۈنگىچە ساقلايسىز رەسىم كەسمەكچى بولسىڭىز، توك مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن ئاۋاز كۆتۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا باسسىڭىزلا بولىدۇ.

    ئەلۋەتتە، ئىلگىرى كچىك ئاق نۇقتا بىلەن يۇقىرىقى مەشغۇلاتلارنى قىلغان بولسىڭىز، ھازىرمۇ قىلالايسىز.

    ئىلگىرى iPhone X ئىشلىتىپ باققان ئابونتلارغا بۇ بىر يۈرۈش مەشغۇلات لوگىكىسى ناھايتى تونۇش، چۈنكى بۇ مەشغۇلات لوگىكىسى iPhone Xدە بارلىققا كەلگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى