• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    PG-13 نۇسخىسىدىكى «ئۆلۈك نەۋكەر 2» ئەڭ يېڭى ئېلان سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:37 13-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېقىندا، دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان فىلىمى «ئۆلۈك نەۋكەر 2» (死侍2)نىڭ PG-13 نۇسخىسى «بۇرۇن بىر ئۆلۈك نەۋكەر بار ئىدى» (从前有个死侍) چۆچەكلەرچە تۈس كىرگۈزگەن ئېلان سۈرىتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئېلان سۈرىتىدە ئۆلۈك نەۋكەرنىڭ ئۇسلۇبى نامايەن بولغان ھەمدە يېڭىدىن قوشۇلغان فرېد ساۋېچ بىلەن ئۆلۈك نەۋكەر بۇغىغا مىنىپ روژدېستۋو بايرىمىدىكى كىنو بازىرىغا يۈرۈش قىلغان.

    قايتا كىرىشتۈرۈلگەن «ئۆلۈك نەۋكەر 2» ئەسلىدىكى R دەرىجىلىك «ئۆلۈك نەۋكەر 2»نىڭ زوراۋانلىققا تولغان كۆرۈنۈشلىرى ۋە سەھنە سۆزلىرىنى ئۆزگەرتكەن ھەمدە يېڭى كۆرۈنۈشلەرنى قوشقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشنى «ئۆلۈك نەۋكەر» رىيان رېينولدىس بىلەن فرېد ساۋېچ بىر كۈن ئىچىدە تاماملىغان، شۇنداقلا فرېد ساۋېچ باش رول ئالغان «مەلىكە توي قىز» (公主新娘)غا ھۆرمەت بىلدۈرگەن.

    «بۇرۇن بىر ئۆلۈك نەۋكەر بار ئىدى» 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 24-كۈنىگىچە شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى