• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھىندىستاندا 46 مىليون تۇل خوتۇن كەمسىتىلىپ كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولماقتا

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:28 13-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ يۇمانا دەريا ساھىلىدا ۋرىنداۋان ئىسىملىك بىر كىچىك شەھەر بار بولۇپ، بۇ يەردە نەچچە مىڭلىغان بۇتخانا،تىلاۋەتخانا ۋە خاتىرە بۇيۇملار قويۇلغان رەستە بازارلاردىن باشقا، يەنە 10 مىڭدىن ئارتۇق تۇل خوتۇن (شەھەر نوپۇسى 70 مىڭغا يەتمەيدۇ) ياشايدىكەن، شۇڭا بۇ شەھەر يەنە «تۇل خوتۇنلار شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.

    بۇ جايدىكى تۇل خوتۇنلارنىڭ كۆپىنچىسى ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ياكى ئۆزى يالتۇز تۇرىدىغان بولۇپ، 70 ياشلىق موماي پورناتى داس بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئۇ ئەسلىدە ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى غەربىي بېنگال ئىشتاتىدا تۇرىدىغان بولۇپ، 2011-يىلى يولدىشى قازا قىلىپ ئۆزى يالغۇز ياشىغان، ئەمما يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ تېنى بارغانسېرى ئاجىزلاپ، تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئالالمايدىغان بولۇپ قالغان، بالىسى بىلەن كېلىنى ئۇنى ئېلىپ قېلىشنى رەت قىلغان.

    ئۇ ئامالسىزلىق ئىچىدە چاسا رامكىلىق كۆز ئەينەك تاقاپ، بېشىغا ئۇزۇن كۈلرەڭ چاچ كىيىپ 1400 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ۋرىنداۋانغا كېلىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىغان.


    تەلىيىگە باناتى شۇ جايدىكى 80 تۇل ئايالدىن تەشكىللەنگەن تىلاۋەتخانىغا قوشۇلغان. غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى مايترى ئۇلارنى تۇرالغۇ، يېمەكلىك ۋە تولۇقلىما بىقلەن تەمىنلىگەن. باناتى مۇنداق دېدى:«بىزدەك تۇل خوتۇنلار نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدۇق، بالىلارنىڭ تۇرمۇشى ئالدىراش بىزگە قاراشقا ۋاقتى يوق، ئەمما بۇ يەردە بىزگە قارايدىغان ئادەم بار.»

    ئەمما باناتىدەك بۇنداق تەلەيلىكلەر كۆپ ئەمەس، بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم تۇل خوتۇنلار كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

    ئىگىلىنىشچە، ھىندىستان دۇنيادىكى تۇل ئاياللار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، تەخمىنەن 46 مىليون تۇل ئايال بار ئىكەن، ئەمما بۇ سان ئۇلارنىڭ كەمسىتىلىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمىگەن.

    ھىندىستاننىڭ كۆپلىگەن رايونىدا، بولۇپمۇ غەربىي بېنگالدا تۇل ئاياللار ئۆرپ-ئادەتنىڭ كۈچلۈك چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، مەسىلەن: ھەر قانداق بايرامنى تەبرىكلىسە ياكى قايتا توي قىلسا بولمايدۇ،رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشى ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت تاقىشى چەكلىنىدۇ، ھەتتا چېچىمۇ مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ.

    باناتى بۇنداق ئادەتلەرنى پەقەتلا ياقتۇرمايدىغان بولۇپ، ئۇ كىچىك بازاردا ئۇزۇن چاچ قويۇپ، بىلەيزۈك تاقاپ، رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىدىكەن. «ئوغلۇم ماڭا قورقما، پەقەت ئاق رەڭلىك كىيىىملەرنىلا كىيىپ يۈرۈشۈڭنىڭ ھاجىتى يوق دېدى.» باناتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىردىنبىر ئەمەس ئىكەن، ئۇ تۇرغان تەشكىلات كۆپلىگەن تۇل ئاياللارغا رەڭگارەڭ سارى كىيدۈرگەن.

    مورتارا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە لىدېرى ۋىننى سىڭگىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇل ئاياللارنىڭ ئەھۋالى ئاستا-ئاستا ياخشىلىنىۋېتىپتۇ، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۈچ يىل بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى ئەھۋال تامامەن ئوخشىمايدۇ، بەزىلەر ئۇلارنىڭ سادالىرىنى ئاڭلىدى، ياشانغان تۇل ئاياللار ئەقىل-پاراسەتنىڭ سىمىۋولى، ئۇلار قەدىرلىنىشى ۋە ھۆرمەتلىنىشى كېرەك.»

    ئەمما كۆپلىگەن ئادەتلەر چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن بولۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، 95 ياشلىق راۋى داس دەل مۇشۇنداق ئادەتنىڭ ئىسكەنجىسى ئىچىدە ياشىماقتا.

    راۋىنىڭ يولدىشى قازا قىلغىنىغا 50 يىل بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆزى يالغۇز تۆت بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قايتا ياتلىق بولمىغان، شۇنىڭدىن كېيىن رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كىيىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە بىر ئايال مەيلى قانداق ۋاقىتتا تۇل خوتۇن بولۇپ قالسۇن چوقۇم «ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىشى كېرەك».

    ئەمما راۋىمۇ ئاستا-ئاستا ئۆزگەرمەكتە، ئۇنىڭ ۋرىنداۋاندا قېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب بۇ يەردىكى تۇل خوتۇنلار بايراملارنى تەبرىكلىسە بولىدۇ.

    بېندېشۋار پاتاك شۇ جايدىكى بىر تۇل ئاياللارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بۇ تەشكىلات ھەر ئايدا تۇل ئاياللارغا ياردەم پۇل بېرىدۇ. بېندېشۋار كونا ئادەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن 2013-يىلىدىن باشلاپ يەرلىكتىكى ئاھالىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان «خۇرى» بايرىمىنى ئۆتكۈزمەكتە.

    دەسلەپتە بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ ئادەملەر ئوتتۇرىغا چىقىپ قارشىلىق قىلغان، ئەمما ھازىر ئۇلار تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قوشۇلماقتا. بېندېشۋار ھازىر پۈتۈن ھىندىستاندا ۋرىنداۋاندىكى تۇل ئاياللار بايرام ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىنى بىلگەنلىكىدىن بەكلا خۇشال بولغان.

    بۇ كىچىك ئىنقىلاب تۇل ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك دېگەن مەسىلە ھەققىدە مەملىكەت خاراكتېرلىك تالاش-تارتىشلارنى پەيدا قىلغان، كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ خىل ئۇسۇل ئىنتايىن ياخشى، ئۇلار يولدىشىدىن ئايرىلىپ ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، يەنە قالاق ئادەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا دەپ قارىغان. قېنى سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى