• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گو مىڭچىنىڭ يېڭى مۆلچەرى: ئالما شىركىتى كېلەر يىلى Face ID ۋە iPhone ئانتېننا لايىھەسىنى يېڭىلايدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:20 13-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    2018-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى تەھلىلچى گو مىڭچى يېڭى تىپلىق iPhone ئانتېننا تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە مەبلەغچىلەر مۆلچەر دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

    ئۇنىڭ مۆلچەرىچە، ئالما شىركىتى ئانتېننا ماتېرىيالى ۋە لايىھەسىنى يېڭىلاپ، 2019-يىلى ئېلان قىلىنىدىغان iPhoneغا يېڭى نۇسخىدىكى Face IDنى قوشىدىكەن.

    گو مىڭچى دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئالما شىركىتى iPhone X يانفونىغا سۇيۇق كىرىستاللىق پولىمىر LCP ئانتېننا تېخنىكىسى ئىشلەتكەن ئىدى. بۇ خىل ئانتېننانىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بىر قەدەر مۇرەككەپ، بۇنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرمۇ ئاز. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئالما شىركىتىنىڭ باھا جەھەتتىكى كونتروللۇقىمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئالما شىركىتى كېلەر يىلى ئېلان قىلىدىغان يېڭى iPhoneغا پولىمىر ئىمىد (MPI) تېخنىكىسى قوللىنىلغان ئانتېننا ئىشلىتىشى مۇمكىن.

    MPI ئانتېنناسى LCP ئانتېنناسىدەك «ئاجىز» ئەمەس، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىمۇ LCPدىن تۆۋەنراق. يەنە كېلىپ، ئىشلەپچىقىرىشقا قويۇلغان تەلەپمۇ LCPدىن تۆۋەنراق، MPI ئانتېنناسى بىلەن تەمىنلەيدىغان بەش شىركەت بار، بۇ سانمۇ LCP دىن كۆپ. بۇنداق بولغاندا، ئالما شىركىتى تەملىگۈچى شىركەتلەر بىلەن باھا سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە تاللاش بوشلۇقى ئىلگىرىكىدىن چوڭ بولۇپلا قالماي، تەننەرخمۇ ئالما شىركىتىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتىدىغان گەپ.

    بەزى قاراشلاردا LCP نىڭ ئىقتىدار تۇراقلىقى، قۇۋۋەت سەرپىياتى جەھەتتە MPI ئانتېنناسىدىن ياخشىراق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. لېكىن يەنە بەزى تەھلىللەرنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىچە، MPI ئانتېنناسىنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئۆستۈرىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىر ئىككى خىل ئانتېننانىڭ ئىقتىدرىدا چوڭ پەرق يوقكەن.

    گومىڭچى مۇنداق دېدى: ئالما شىركىتىنىڭ بۇنداق قىلىشى چوڭ تەسىر پەيدا قىلمايدۇ. مېنىڭچە MPI ئانتېنناسى ئىشلىتىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ، بۇ خىل ئانتېننا كەلگۈسىدىكى iPhone يانفونلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق ئانتېننا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مۆلچەرىمچە، 2019-يىلدىكى iPhone يانفونىغا تۆت MPI ئانتېننا بىلەن ئىككى LCP ئانتېننادىن تۈزۈلگەن ئانتېننا گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلىپ، ھازىرقى ئالتە LCP ئانتېننا ئىشلىتىش لايىھەسىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.ئانتېننادىن باشقا، گو مىڭچى يەنە ئالما شىركىتىنىڭ Face IDنىمۇ يېڭىلايدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، بۇ ئىقتىدار يېڭىلانغاندىن كېيىن iPhoneنىڭ قاراڭغۇ مۇھىتتىكى تونۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرىدىكەن، يېڭى نۇسخىدىكى Face ID كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى iPhoneدا پەيدا بولىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى