• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ياپونىيە دېڭىز قىرغىقىدا يەنە كۆپلىگەن نامەلۇم «ئەرۋاھ كېمىلەر» پەيدا بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:19 13-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ياپونىيە دېڭىز ئۈستى بىخەتەرلىكنى ساقلاش ۋازارىتى 12-نويابىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ يىل ياپونىيە دېڭىز قىرغىقىدا لەيلەپ يۈرگەن «ئەرۋاھ كېمە» 95 كە يەتتى، 11-ئايدىلا ئەڭ كۆپ بولۇپ، 33 كە يەتتى. بەزى كىمىلەردىنقۇرۇپ، چىرىپ كەتكەن جەسەتلەردە تېپىلدى.

    ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ۋاسىتسى، ياپونىيە «ئاساخى گېزىتى» قاتارلىق تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەر يىلى نەچچە ئون«ئەرۋاھ كېمە» ياپونىيە دېڭىز بويى رايونلىرىدا پەيدا بولىدىكەن. بۇ كېملەردە ئادەتتە ھېچقانداق ئادەم يوق ئىكەن ياكى بەزى قۇرۇپ كەتكەن جەسەتلەر بايقىلىدىكەن.

    سۈرەتتە، لەيلەپ ياپونىيە خوككايدوغا بېرىپ قالغان بىر ياغاچ كېمە

    ئەمما، 12-نويابىرغىچە بۇ يىل ياپونىيە دېڭىز قىرغىقىدا لەيلەپ يۈرگەن كونا كېمىلەر 95 كە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تېپىلىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، 2017-يىلى تېپىكغان 104 «ئەرۋاھ كېمە» رېكورتىدىن ئېشىپ كېتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. نۆۋەتتە، بۇ «ئەرۋاھ كېمە»لەردىن 12 جەسەت بايقالغان.

    ياپونىيە دېڭىز ئۈستى بىخەتەرلىكنى ساقلاش ۋازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 33 «ئەرۋاھ كېمە» بۇ يىل 11-ئايدا بايقالغان بولۇپ، 10-ئايدىكىدىن كۆپ بولغان. بۇ ياپون دېڭىزدا كۈز، قىش ئايلىرىدا دولقۇننىڭ كۈچلۈك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. لەيلەپ كەلگەن كۆپ قىسىم كېمىلەر ياغاچتىن ياسالغان بېلىقچىلىق كېمىسى بولۇپ،جەسەتتىن باشقا، بىر قىسىم كېمىلەردە يەنە كىچىك قازان، چۆمۈچ، بېلىقچىلىق سايمانلىرى قاتارلىق بۇيۇملار بار ئىكەن. كۈز كىرگەندىن كېيىن بۇ «ئەرۋاھ كېمە»لەر خوككايدو ئەتراپىدا مەركەزلىك پەيدا بولغان، نۆۋەتتە قوغداش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش كۈچەيتىلگەن.

    سۈرەتتە، بىر «ئەرۋاھ كېمە» ئېسىپ قويۇلغان

    ياپونىيەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئارقىمۇ-ئارقىدىن يۈز بەرگەن «ئەرۋاھ كېمە»نىڭ قىرغاققا چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. 2017-يىلى «ئەرۋاھ كېمە» ۋەقەسى 2013-يىلى ئىستاتىستىكا قىلىنغاندىن بۇيان ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەڭ يۇقىرى رېكورتى 2013-يىلى بولۇپ، شۇ يىلى ئالاقىدار كېمىدىن 80 ئىبايقالغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى