• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3» يىللىق تەسىرى كۈچى ئەڭ زور كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:17 13-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    11-ئاينىڭ 12-كۈنى، 2018-يىللىق خەلق تاللىشى مۇكاپاتى لوس ئانجىلىستا ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە بۇ يىللىق چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى. ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان يىللىق كىنو مۇكاپاتى مارۋېلنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلىق تەسۋىرلەنگەن كىنوسى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3» (复联3)كە بېرىلگەن بولۇپ، بۇ كىنو ئوخشاشلا مارۋېلنىڭ ئەسىرى بولغان «قارا قاپلان» (黑豹)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچلۈك رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلغان.

    ئارتىسلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى جەھەتتە، «قارا قاپلان»نىڭ باش رولچىسى چاۋىك بوسمان ئەڭ ياخشى كىنو ئەر ئارتىسى مۇكاپاتىغا، دانا گۇرىرا ئەڭ ياخشى ھەرىكەتلىك كىنو چولپىنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «قارا تۇل خوتۇن» سىكارلېت جوھانسون ئەڭ ياخشى كىنو ئايال ئارتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. خەلق تاللىشى مۇكاپاتى پۈتۈنلەي كۆرۈرمەنلەر بېلەت تاشلاش ئارقىلىق تاللاپ چىقىدىغان مۇكاپات بولۇپ، ھوللىۋودتىكى كىنو-فىلىم، مۇزىكىلارنىڭ كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىكى ئورنىنى سىنايدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى