• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئالما شىركىتىنىڭ بۇ يىل يېڭى بىر ئەۋلاد AirPods نى بازارغا سالىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:11 13-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلا ۋاقىتتا AirPods، Apple Watch، iPhone قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە توك قاچىلاشقا بولىدىغان سىمسىز توك قاچىلىغۇچ AirPowerنى بازارغا سېلىش تەييارلىقى تېخى پۈتمىگەچكە، ئالما شىركىتى يېقىندا ئاچقان iPhone ۋە iPad ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئۇنى تىلغا ئالمىغان. دېمەك، سىمسىز توك قاچىلاشقا بولىدىغان يېڭى AirPodsنىڭ خەۋىرى تېخى ئورگان تەرەپنىڭ ئىسپاتلىقىدىن ئۆتمىگەن.

    يېقىندا، ئىچكى قىسىمدىكى ئىشەنچىلىك خەۋەر مەنبەسىگە ئىگە بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، AirPods يېڭى نۇسخىسى بۇ يىل بارلىققا كېلىدىكەن.

    نەچچە ھەپتە ئىلگىرى، داڭلىق تەھلىلچى گو مىڭچى مۇنداق دېگەن: 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ياكى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا AirPods2 بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن.

    ھازىر، سامسۇڭنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىرىمۇ ئوخشاش ئىپادە بىلدۈردى. بۇ كىشى مىكرو بلوگدا مۇنداق دېگەن: ئالما شىركىتى بۇ يىل AirPods2 نى مۇتلەق ئېلان قىلىدۇ.

    10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بەزى پارچە سېتىش سودىگەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ AirPods ئامبىرى قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى، بۇ خەۋەر شۇ چاغدا ئالما شىركىتى بۇ مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆرلىتىشى مۇمكىن دېگەن بازار قىياسىنى پەيدا قىلغان. بىراق، ئالما شىركىتى بۇ توغرىلۇق ئىنكاس قايتۇرمىغان ھەمدە تېزدىن پارچە سېتىش سودىگەرلىرىگە 1-ئەۋلاد AirPods ئامبىرىنى تولۇقلاپ بەرگەن.

    ئېنىقكى، ئالما شىركىتىنىڭ AirPower نى بازارغا سېلىش تەييارلىقى تېخى پۈتمسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى AirPodsنى بازارغا سېلىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ. سىمسىز توك قاچىلىغۇچنى ئىشلىتىشنى باشلىغان iPhone ئابونتلىرىمۇ ئۆزىدىكى سىمسىز زەرەتلىگۈچ ئارقىلىق AirPods ئۈسكۈنىسىگە توك قاچىلىيالايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى