• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى يولۋاس بىلەن توشقان يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:08 13-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھايۋاناتلار باغچىسىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىپ، يولۋاس بىلەن توشقان دوست بولۇپ قالدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن باغچا خىزمەتچى خادىملىرى خوشال بولغان ھالدا: ئۇلار خوشال بولسىلا بولدى دېدى.

    گەرچە يولۋاس بىلەن توشقاننى تۇغۇلما كۈشەندىلەر دېيىشكە بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى خىل جانلىقنىڭ بىللە ئويناپ يۈرىشى ھەقىقەتەن ئانچە مومكىن بولمايدىغان ئەھۋال. ئادەتتىكى نورمال ئەھۋال ئاستىدا يولۋاسىنىڭ كۆز ئالدىدىكى توشقاننى يەۋەتمىگىنىنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش. ئەمما يېقىندا مەلۇم ھايۋاناتلار باغچىسىدا مۇنداق بىر ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرگەن. بۇ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى توشقان بىلەن يولۋاس ناھايىتى ئىجىل ئىناق ئۆتۈپلا قالماستىن، يەنە بىر بىرىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇ قىزىقارلىق خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا بىرلىكتە بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى.

    ئەمما كىم بىلسۇن، ئىش ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمىغان. يولۋاس بۇ كىچىك ئاق توشقاننى كۆرگەندىن كېيىن ئازراقمۇ يېيىش خىيالىدا بولمىغان. ئەجىبا توشقان گۆشى يېيىشلىك بولماي قېلىپ، يولۋاسنىڭ ئىشىتىھاسىغا تېتىمىغاندىمۇ، ياكى ئورمان شاھى بولغان يولۋاس غوجام توشقان گۆشىنى ياراتمايۋاتامدىغاندۇ؟

    يولۋاسنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بېرىلگەن ئاق توشقانمۇ ناھايىتى ئەخمەق بولۇپ، يولۋاسنىڭ ئۆزىنى بىر يالماپلا يۈتىۋېتىشىدىن قىلچە ئەنسىرىمىگەندەك، تېخى يولۋاس بىلەن يېقىنچىلىق قىلىشىپ دوستلاردەك بىللە ئوينىغان. يولۋاس دېگەن ئورمان شاھى تۇسا، شاھلارغا ھەمراھ بولۇش يولۋاسقا ھەمراھ بولغاندەك ئىش دېگەن سۆز دەل يولۋاسنىڭ تېرىككەك، ئاسان ئۆزگىرىدىغان مىجەزىگە قارىتا دېيىلگەنلىكىنى بۇ ئاق توشقان بىلمەمدىكىنە؟ ئاق توشقاننىڭ بۇ ئوماق ھالىتىنى كۆرۈپ يولۋاسمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن ئوينىشىشقا باشلىغان. ئەمما ئاق توشقان يوغان يولۋاسنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قىلچىمۇ جىددىيلەشمەستىن، ئۆزىنىڭ ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. قىززىقارلىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ كۆرۈنۈش ئادەمگە ھەقىقەتەن كىنولاردىكى سۈرلۈك لېدىرلارنىڭ ئوماق ئايال باش پېرسوناژنى ئەركىلىتىۋاتقىنىدەك تەسىر بېرىدۇ.

    ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۆرۈنۈشلەر تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ، خۇددى سىزىپ قويۇلغان رەسىمگىلا ئوخشايدۇ. يولۋاس قاتتىق بۇرۇتى بىلەن ئاق توشقاننى ئاستا سۆيگەن. ئىككى كىچىك يولۋاس ئىككى ئاق توشقاننىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇلارنى قوغدىغان. بۇ گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ يولۋاسنى ئاق توشقان گۆشى بىلەن بېقىش پىلانى تەلتۆكۈس كۆپۈككە ئايلانغان. مېنىڭچە يولۋاس چوقۇم كىچىك ئاق توشقاننىڭ ئوماق قىلىقلىرىغا قاراپ مەستلىكى كېلىپ ئۇنى يەۋېتىشكە كۆزى قىيمىغان گەپ!

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى