• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھالقىلىق بىلىملەرنى ئىگەللىۋېلىڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:01 13-11-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئەيدىز كېسىلى زىيانلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV ۋىرۇسى) دىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. HIV بولسا ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سېستىمىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بىر خىل ۋىرۇس. ئۇ ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سېستىمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان CD4T لىمفا ھۈجەيرىسىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، بۇ ھۈجەيرىگە قارىتا زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئىممۇنىتېت ئىقتىداردىن مەھرۇم بولىدۇ. شۇڭا يۇقۇملانغۇچى ناھايىتى ئاسانلا ھەر خىل كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىپ، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولىدۇ، ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. HIV ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن دەۋرى ئادەتتە 8-9 يىل بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە رەسمىي گىرىپتار بولۇشىدىن بۇرۇن، تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا كۆپ يىل ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن.

    ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئادەتتە خېلى كۆپ ئاڭلايمىز. مىكرو بىلوگنى ئېچىپ ئاۋات ئىزدەشنى باسقاندا ئەيدىز كېسىلى خەتكۈچىنىڭ خېلىلا ئالدىدا ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا ئەيدىز كېسىلىنىڭ زىينىغا ئۇچرىغۇچىلاردۇر. ئۇلارمۇ چۈشۈنۈشكە ۋە كۆيۈنۈشكە موھتاج. لېكىن ئەيدىز كېسىلىنى قەستەن يۇقتۇرۇش ئىنسانىي ئەخلاققا زىت بولۇپلا قالماستىن يەنە قانۇنىي مەسئۇلىيەتكە تارتىلىدىغان قىلمىشتۇر.

    بۇ يەردە مەن بەك كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن، كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە چۇشلۇق جاۋابى بارلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلىش، ھەر جەھەتتىن ئۆزىنى قوغداش كېرەك!

    ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    ئەيدىز كېسىلى دىگەن نېمە؟

    ئەيدىز كېسىلىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ئىممۇنىتېت كەمچىللىك يىغىندى كېسىلى قىسقارتىلىپ AIDS دېيىلىدۇ. ئەيدىز كېسىلى ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمچىللىك ۋىرۇسى (HIV) تەرىپىدىن كېلىپ چىقىدىغان، ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان يامان سۈپەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىك.

    ئەيدىز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش جەريانى

    ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش

    بىرىنچى باسقۇچ: يوشۇرۇن دەۋرى نەچچە ئايدىن نەچچە يىلغىچە بولىدۇ. ۋاقتىنچە ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ.

    ئىككىنچى باسقۇچ: ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش.

    ئۈچىنچى باسقۇچ: ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش. ئىممۇنىتېت كەمچىللىكى كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، ئىممۇنىتېت سېستىمىسى نورمال خىزمەت قىلالمايدۇ.

    ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىكى ئالامەتلەر

    يۇقۇملىنىپ ئالدىنقى بىر نەچچە ھەپتىدە ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. ياكى قىززىش، باش ئاغرىش، تەمرەتكە ياكى گال ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

    يۇقۇملىنىشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ لىمفا تۈگۈنى يوغىناش، ئورۇقلاش، قىززىش، ئىچ سۈرۈش ۋە يۆتەل قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. داۋالاتمىسا تۇبېركىليۇز، يوشۇرۇن شارسىمان مېڭە پەردە ياللۇغى ۋە راك كېسىلى (لىمفا ئۆسمىسى ۋە كاپوسى گۆش ئۆسمىسى) قاتارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن.

    HIV ۋىرۇسى تۆۋەندىكى يوللاردىن تارقىلىدۇ:

    1. جىنسىي مۇناسىۋەت

    2. ئانىدىن بالىغا

    3. قان ئارقىلىق يۇقۇش

    لېكىن بۇ يوللار ئارقىلىق يۇقمايدۇ

    1. سۆيۈشۈش

    2. پاشا چېقىش

    3. ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىنىڭ چۈش كۆرۈشى، يۆتىلىشى.

    بۇلارغا دىققەت قىلغاندا ئەيدىز كېسىلىدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ:

    1. ئۆزىڭىزنى پاك تۇتۇپ جۆرىسىگە سادىق بولۇش. ئەخلاقلىق-ھايالىق بولۇش.

    2. گاندوننى توغرا ئىشلىتىش. ئۈزۈك سېلىش ياكى تۇغماسلىق ئوپراتسىيىسى قىلىش قاتارلىق ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ.

    3. زەھەردىن يىراق تۇرۇپ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش.

    4. جىنسىي كېسەللىكنى ۋاقتىدا داۋالاپ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىش.

    5. بىر قېتىملىق ئىشلىتىلىدىغان ئىشپىرىسنى ئىشلىتىش ۋە ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قان سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىش.

    6. ھامىلدار ئاياللاردىن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلار تىببىي تەدبىرلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ بالىغا يۇقۇشتىن ساقلىنىش.

    ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ بولغان بولسا....

    دەسلەپكى باسقۇچتىكى بىمارلار: ئاكتىپلىق بىلەن تەكشۈرۈتۈپ، بالدۇر داۋالاش. كېسەلنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش.

    ئاخىرقى باسقۇچتىكى بىمارلار: مۇناسىۋەتلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ياخشى كونترول قىلىپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى ئېلىپ بېرىش.

    ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا بىر قىسىم خاتا چۈشەنچىلەر

    ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلسىلا جەزمەن ئەيدىز كېسىلى بولامدۇ؟

    ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىدىكى CD4 مۇسبىي ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ۋىرۇس. بۇ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ئەگەر توغرا ئۇسۇلدا داۋالىيالىسا بىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ نەچچە ئون يىل ئۆتسىمۇ، ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلماسلىقى مۇمكىن.

    ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولسا پەقەت نەچچە يىللا ياشىيالامدۇ؟

    كۆپلىگەن كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، يەنە خېلى كۆپ يىل ياشىيالايدۇ، ھەمدە نورمال ياكى ئاساسەن نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

    ئەيدىز بىمارى بىلەن بىللە غىزالىنىشتىن كېسەل يۇقامدۇ؟

    نورمال ئادەملەر بىلەن ئەيدىز بىمارى ياكى ئەيدىز يۇقۇمدارى كۈندىلىك نورمال ئۇچرىشىشتا، مەسىلەن قۇچاقلىشىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، بىرگە غىزالىنىش، ھاجەتخانىدىن ئورتاق پايدىلىنىش، بىرگە يۇيۇنۇش، سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلاردا كېسەل يۇقمايدۇ.

    ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئەھۋالدا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى يېمەكلىك چايناپ بالىغا يېگۈزگەندە نەزىرىيە جەھەتتىن يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەپلىكمۇ يۇقۇملىنىش كۆرۈلىدۇ.

    ئەيدىز يۇقۇمدارى ياكى ئەيدىز بىمارى پەرزەنت كۆرگەندە چوقۇم بالىغا يۇقىدۇ دېيىشكە بولامدۇ؟

    ئەيدىز يۇقۇمدارى بولغان ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلدە ياكى بوشۇنۇش ۋاقتىدا بالىغا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇشى مۇمكىن. لېكىن توغرا بولغان داۋالاش ۋە پەرۋىش ئارقىلىق بۇ خەتەرنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئايال دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ بوۋاققا ۋىرۇسنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى